باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى خەلقئارا بازارنى ئېچىشقا كۈچەۋاتىدۇ

2016.02.24 14:44         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گەرچە يىل بېشى بولسىمۇ، ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ چەت ئەلدىن قوبۇل قىلغان زاكازلىرى كۆپىيىۋاتىدۇ. ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، چاغان مەزگىلىدە ئوتتۇرا ئاسىيا، ئافرىقا رايونىدىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ سۈرئىتىنى تېخىمۇ تېزلەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، 2020 - يىلىغىچە چەت ئەلدىن قىلىدىغان كىرىمنىڭ ئىگىلەيدىغان نىسبىتىنى تىرىشىپ %50كە يەتكۈزۈش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە لىدېرى خۇاڭ خەنجيې مۇنداق دېدى: دۆلەت ئىچى بازىرى بىر قەدەر يۇقىرى تەرەققىيات سەۋىيەسىگە يېتىپ، ئېشىش مىقدارى نىسبەتەن مۇقىم مەزگىلگە قەدەم قويدى. شۇڭا، ئېشىش مىقدارىنى تېخىمۇ كۆپەيتىش ئۈچۈن خەلقئارا بازارنى ئېچىش زۆرۈر. بىز ئىلغار تېخنىكا، ئۈسكۈنە ۋە ئېنېرگىيەلەردىن دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن تەڭ بەھرىلىنىپ، ئېلېكتىر تورىنى تۇتاشتۇرۇش، ئېلېكتىر كۈچىگە مەبلەغ سېلىش، ئېلېكتىر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىش، ئېلېكتىر كەسپىدىكى ئىختىساسلىقلارنى ئۆزئارا تەربىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى دۆلەت ھالقىغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇل ئەسلىھەلىرىنى كۈچەيتىش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايمىز. بىز يەنە جۇڭگو ۋە دۇنيانىڭ ئېنېرگىيە ئىشلىرىنى سىستېمىلىق ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگونىڭ قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە بىر - بىرىنى تولۇقلاپ، ئۆزئارا بىخەتەر سودا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە ئېڭىنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە سىڭدۈرۈشنىمۇ خالايمىز.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى يېشىل، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان تىرانسفورموتور ساھەسىدە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تېخنىكىسىغا تايىنىپ، «ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىق»تىن پائال پايدىلىنىپ، جۇڭگونىڭ ئېلېكتىر قۇرۇلۇشىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىدىن پۈتۈن دۇنيا بىلەن تەڭ بەھرىلىنىپ، «جۇڭگونى قوراللاندۇرۇش»تىن «دۇنيانى قوراللاندۇرۇش»قا ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى «پەن - تېخنىكا بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى» دېگەن قاراشتا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكا سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، ئىجادىيەتلىك قوزغىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئىلغار ئېلېكتىر كۈچى ئۆلچىمىنى تاجىكىستان، قىرغىزىستان، قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىدا قوللاندى. ھازىر، ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى مەھسۇلاتلىرىنى «بىر بەلباغ، بىر يول » بويىدىكى 60 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا ئېكسپورت قىلدى، چەت ئەلدە 76 ئىش بېجىرىش ئورنى تەسىس قىلىپ، 1000 دىن ئارتۇق چەت ئەللىك ئىشچى - خىزمەتچى قوبۇل قىلدى.

  ھازىر، ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ چەت ئەللەردە ھۆددىگە ئالغان 3 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى يۈرۈشلۈك قۇرۇلۇش تۈرى بار. خۇاڭ خەنجيې مۇنداق دېدى: بۇ تۈرلەر شۇ جايلارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا مۇھىم كاپالەتلىك رول ئويناپلا قالماستىن، يەنە بىزنىڭ ياخشى ئوبرازىمىزنى تىكلەپ، بۇنىڭدىن كېيىن سىرتقا يۈزلىنىشىمىزگە ياخشى ئاساس سېلىپ بەردى.

  خۇاڭ خەنجيې مۇنداق دېدى: ئالاھىدە تىرانسفورماتور پاي چەكلىك شىركىتى سىرتقا يۈزلىنىش جەريانىدا مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىپ، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى يولغا قويغاندىن سىرت، تۈرلەر يولغا قويۇلغان دۆلەتلەردە يەنە مەكتەپلەرگە پۇل ئىئانە قىلىش، يېزا، كەنت يوللىرىنى ياساش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەپ قانات يايدۇردى. بۇ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرى خۇددى يورۇقلۇق ئەلچىسىدەك جۇڭگو كارخانىلىرى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا يەتكۈزدى. بۇمۇ نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە تەرىپلىشىگە ئېرىشىپ، كارخانىمىزنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلىدى.

  خۇاڭ خەنجيې مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن بىز يەنە سىرتقا يۈزلىنىش قەدىمىمىزنى تېزلىتىپ، بىر تۈرنى يولغا قويۇپ، بىر ئېسىل ماركا يارىتىپ، دۇنيا ئېنېرگىيە ئىشلىرىنى يېشىل پەن - تېخنىكا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەلىرى، ئىشەنچلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، يۇقىرى تېخنىكىلىق، قوشۇمچە قىممىتى يۇقىرى مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگو كارخانلىرى ۋە شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ ئوبرازىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىپ، شىنجاڭ ئۈنۈمى ۋە شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر