باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 21-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلىپ، ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى چوڭقۇر، پۇختا چىڭ تۇتۇش، ئىسلاھاتتا ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگىچە دىققەتنى بۇزماسلىق، قايتىلاپ چىڭ تۇتۇش تەكىتلەندى

لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى

2016.02.24 14:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 23-فېۋرال چۈشتىن كېيىن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 21-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى، شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جايلار ۋە تارماقلار ئومۇمىيەت ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىسلاھاتنى چىڭ تۇتۇشنى مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت دەپ بىلىشى، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىنى چىڭىتىپ، ئىسلاھاتتا ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىق ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىشى ۋە ئىلگىرى سۈرۈشى، ھەم ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن، ھەم ئىسلاھاتتا ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەردىن بولۇشى، مىخ قېقىش روھى بىلەن ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئاچقۇچنى چىڭ ئىگىلىشى، دەل جايىدا كۈچ چىقىرىشى، جاپا-مۇشەققەتتىن قورقماسلىقى، ئىسلاھاتتا ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگىچە دىققەتنى بۇزماسلىقى، قايتىلاپ چىڭ تۇتۇشى كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، مۇقەددىمىسى كۆپ، ۋەزىپىسى ئېغىر، ئۇنىڭدا باشلىغان ھامان داغدۇغىلىق بولۇش، ئالدى بىلەن كۈچلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئاساسلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، ئاندىن كۈچلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىرمۇ بىر چىڭ تۇتۇش كېرەك. ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، ئىسلاھات تەدبىرلىرى كۆپلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، سالمىقى زور، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋەزىپىسى ئېغىر، بېسىمى پەۋقۇلئاددە زور بولدى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى ياخشى بولۇپ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئەمەلىيلەشتۈرۈش باسقۇچىغا قەدەم قويدى. قىسمەن ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئەمەلىيلىشىپ، يىلتىز تارتىپ مېۋە بەردى، قىسمەن جايلار ۋە تارماقلاردا ئىنچىكىلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى شەكىللىنىپ، قىسمەن جايلار نۇقتىدا سىناق قىلىش ئارقىلىق پايدىلىنىشقا ۋە ئومۇملاشتۇرۇشقا بولىدىغان تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ چىقتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر