باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون «ئۈچ ئەل» خىزمىتىدىكى تىپىك ئىش-پائالىيەتلەردىن دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

2016.02.24 14:38         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەن 28 ياش، خىزمەت گۇرۇپپىمىزدىكى توققۇز كىشىنىڭ ئەڭ كىچىكى. كۆپچىلىك ناھايىتى ھەيران بولۇشۇپ، ياش تۇرۇپلا گۇرۇپپا باشلىقى بوپتۇ، گۇرۇپپىنى يېتەكلەپ ۋەزىپىنى ئورۇندىيالارمۇ، دېيىشكەنىدى، بۇنداق گۇمانلىق قاراشلارغا ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق قايىل قىلارلىق جاۋاب بەردىم ... ئاپتونوم رايونلۇق «ئۈچ ئەل» خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى 2 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىدە ئۆتكۈزگەن 2015 - يىللىق «ئۈچ ئەل» خىزمىتىدىكى تىپىك ئىش - پائالىيەتلەردىن دوكلات بېرىش يىغىنىدا، قاغىلىق ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتىدىن قاغىلىق ناھىيەسى يېتىملىقۇم يېزىسى يېتىملىقۇم كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، قاغىلىق ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى فېڭ لىنىڭ چوڭقۇر ھېسسىياتقا تولغان دوكلاتى يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  تىپىك ئىش - پائالىيەتلەردىن دوكلات بېرىش يىغىنىدا، شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن باش مۇھەررىر كاڭ پىڭ، قۇتۇبى ناھىيەلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى باھا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كۇ لىشىن، بىڭتۈەن تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ جۈنگو، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يالقۇن تۇنىياز، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ما يەنلىن، قاغىلىق ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى فېڭ لى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مۇپەتتىشى، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ مەسئۇلى سۈن چى قاتارلىق يەتتە كىشى كەنتتە خىزمەت قىلىش داۋامىدىكى تەسىراتى ۋە تونۇشىنى كەڭ - كۇشادە سۆزلەپ، يىغىن ئىشتىراكچىلىرى بىلەن بىللە كەنتتە تۇرغان بىر يىلدىن بۇيانقى تەجرىبىلىرى ۋە تەسىراتىدىن ئورتاق بەھرىلەندى.

  بۇ قېتىمقى تىپىك ئىش - پائالىيەتلەردىن دوكلات بېرىش يىغىنىدا سۆز قىلغان يەتتە كادىر 2015 - يىلى «ئۈچ ئەل» پائالىيىتىگە قاتناشقان 11 مىڭ 243 خىزمەت گۇرۇپپىسى، 77 مىڭ 219 پارتىيە ئەزاسى ۋە كادىرنىڭ تىپىك ۋەكىلى بولۇپ، ئۇلارنىڭ دوكلاتىدا كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىلىرى ۋە كادىرلارنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى تەسىرلىك ئەمەلىيىتى، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، دىن ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملەش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن ئىلگىرىلەشلىرى ۋە ئۆزگىرىشلەر مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلدى.

  تىپلارنىڭ تەسىرلىك ئىش - پائالىيەتلىرى يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ كادىرى، 3 - تۈركۈمدىكى «ئۈچ ئەل» خىزمىتى گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى جى يۇڭ مۇنداق دېدى: 3 - تۈركۈمدە ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ «ئۈچ ئەل» خىزمىتىگە قاتنىشىدىغان كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن دوكلاتنى ئاڭلاپ ناھايىتى زور ئىلھام ئالدىم، ئۇلاردىن ئۆگىنىمەن.

  «ئۈچ ئەل» پائالىيىتىدە بارلىققا كەلگەن تىپىك ئىش - پائالىيەتلەر ۋە خىزمەت نەتىجىلىرىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇش، ئالدىنقى تۈركۈمدە كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ ياخشى ئۇسۇلى، ياخشى تەجرىبىلىرىنى يېقىندا بۇ تۈركۈمدە چۈشىدىغان كەنت كادىرلىرىغا تونۇشتۇرۇش، «ئۈچ ئەل» پائالىيىتىنى يەنىمۇ كەڭ قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق «ئۈچ ئەل» پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى «ئۈچ ئەل» خىزمىتىدىكى تىپىك ئىش - پائالىيەتلەردىن دوكلات بېرىش يىغىنىنى ئالاھىدە تەشكىللىدى. تىپىك ئىش - پائالىيەتلەردىن دوكلات بېرىش يىغىنى 22 - فېۋرالغىچە ئۈچ مەيدان ئۆتكۈزۈلىدۇ، يىغىندىن كېيىن يەتتە تىپىك ۋەكىل يەنە 3 - تۈركۈمدە كەنتكە چۈشىدىغان قىسمەن كادىرلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۆزئارا تەجرىبە ۋە تەسىرات ئالماشتۇرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر