باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى تۇنجى مەخسۇس دېھقانلارغا قارىتىلغان ئۆي سېتىۋېلىش قەرز پۇلى كەسپىنى يولغا قويدى

2016.02.24 15:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھازىر يېڭىچە شەھەر بازارلاشتۇرۇش مۇساپىسىنىڭ مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، دېھقانلار توي قىلىش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش ۋە پەرزەنىتلىرىنى تەربىيىلەش قاتارلىق سەۋەبلەردىن شەھەر بولۇپمۇ ئوتتۇرا كېچىك شەھەرلەردە ئۆيگە بولغان ئېھتىياج ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا. يېقىندا جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى مەخسۇس دېھقانلارغا قارىتىلغان ئۆي سېتىۋېلىش قەرز پۇلى كەسپىنى يولغا قويۇپ، بارلىق دېھقانلارنىڭ شەھەرلەرگە كىرىپ تاۋار ئۆي سېتىۋېلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا كۈچ چىقاردى.بۇنىڭدا يۈرۈشلۈك تەدبىرلەر قوللىنىلىپ، دېھقانلارغا قۇلايلىق مۇلازىمەت قىلىپ، دېھقانلارنىڭ يۈكى يېنىكلىتىلىدۇ.

  1.ئىجازەتلىك كىرىش دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، دېھقانلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان باھالاپ ئىجازەتلىك كىرىش ئۆلچىمى بېكىتىلىپ، دېھقانلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ.

  2.كىرىمنى بېكىتىش ئادىيلاشتۇرۇلۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىم ئىسپاتى بىلەن تەمىنلىشى قېيىن بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ.

  3.تەننەرق تۆۋەنلىتىلىپ،دېھقانلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىممەت بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ.

  4.پۇل قايتۇرۇش شەكلى ئەركىنلەشتۈرۈلۈپ، دېھقانلار كىرىمىنىڭ پەسىل خاراكىترلىق ئالاھىدىلىكى نەزەردە تۇتۇلۇپ، ھەر ئايدا تاپشۇرۇشتىن باشقا پەسىل، يېرىم يىل ۋە بىر يىل بويىچە قەرز پۇل قايتۇرۇش شەكلى قوللىنىلىدۇ. مۇددەتتىن بۇرۇن قايتۇرۇلىدىغانلاردىن توختامغا خىلاپ پۇل كەچۈرۈم قىلىنىپ، دېھقانلارنىڭ قەرز پۇل قايتۇرۇش بېسىمى يېنىكلىتىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر