باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12 ئۆلكىدە پىلانلىق تۇغۇت يېڭى سىياسىتى يولغا قويۇلدى

تۇغۇت دەم ئېلىشى ئەڭ ئۇزاق بولغاندا 180 كۈن ئەڭ قىسقا بولغاندا 128 كۈن

2016.02.24 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش ئۈچۈن، ھەرقايسى جايلار كەينى - كەينىدىن يەرلىك پىلانلىق تۇغۇت نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزدى. تيەنجىن، جېجياڭ، نىڭشيا قاتارلىق 12 ئۆلكىدە يېڭى پىلانلىق تۇغۇت نىزامى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئىگىلىنىشچە ئۆلكىلەردە تۇغۇت دەم ئېلىشى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 180 كۈن ئەڭ قىسقا بولغاندا 128 كۈن بولۇپ ئىككى ئايغا يېقىن پەرق بولىدىكەن. مۇتەخەسىسلەر پۇقرالار ئەندىشە قىلىۋاتقان ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىگە ئالاقىدار كاپالەت مەسىلىسىگە بالىلار بۆلۈمى قۇرۇلۇشى ۋە يەسلى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ بالىلارنى پەرۋىش قىلىش نۇقتىسىنى چۆرىدەپ تەكلىپ بەردى، بۇنىڭ ئىچىدە، بېيجىڭ شەھەرلىك 1 –يەسلىدىن كەلگەن ما خۇييەن« يەسلى»نى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى،

  كۆپ قىسىم جايلار پىلانلىق تۇغۇت نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزدى، ئوجشىمىغان ئۆلكىلەردە تۇغۇت دەم ئېلىشى ئىككى ئايغا يېقىن پەرقىلىنىدۇ نۆۋەتتە يېڭى پىلانلىق تۇغۇت نىزامىنى يولغان قويغان 12 ئۆلكىنىڭ ھەممىسى كېچىكىپ توي قىلىش دەم ئېلىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۇغۇت دەم ئېلىشى ۋە ئەرلەر ھەمراھ بولۇش دەم ئېلىشى، پەرۋىش قىلىش دەم ئېلىشى توغرىسىدا تەڭشىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، سەنشى، ئەنخۇي، جياڭشى، شەندۇڭ، سىچۈەن، نىڭشيا ئالتە ئۆلكىدە تۇغۇت دەم ئېلىشى 158 كۈن، فۇجيەندە تۇغۇت دەم ئېلىشى ئەڭ قىسقا بولغاندا 158 كۈن ئەڭ ئۇزۇن بولىدىغان 180 كۈن بولىدۇ. لېكىن تيەنجىن، جېجياڭ، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ تۆت ئۆلكىدە، تۇغۇت دەم ئېلىشى 128 كۈن، ئىككى ئايغا يېقىن پەرقىلىنىدۇ؛ تۇغۇت ھەمراھ بولۇش دەم ئېلىشى، پەرۋىش قىلىش دەم ئېلىشى جەھەتتە، گۇاڭشى، نىڭشيادا دەم ئېلىش ئەڭ ئۇزۇن، 25 كۈن بولىدۇ، تيەنجىن، شەندۇڭدا بولسا يەتتە كۈن بولىدۇ.

  يۇقارقى 12 ئۆلكىدىن باشقا، خېبىي، جياڭسۇ قاتارلىق ئۆلكىلەرنىڭ يېڭى تۇغۇت پىلانى نىزامى تۈزمەكتە، 3 –ئاينىڭ ئالدى-كەينىدە قاراپ چىقىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر