باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئاپتونوم رايونىمىزدا «ئۈچ ئەل» پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش-تەقدىرلەش، سەپەرۋەرلىك قىلىش، ئۇزىتىش يىغىنى ئېچىلدى(1)

2016.02.25 12:39   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

ئاپتونوم رايونىمىزدا «ئۈچ ئەل» پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش-تەقدىرلەش، سەپەرۋەرلىك قىلىش، ئۇزىتىش يىغىنى ئېچىلدى(1)

  ئاپتونوم رايونىمىزدا «ئۈچ ئەل» پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش-تەقدىرلەش ،سەپەرۋەرلىك قىلىش، ئۇزىتىش يىغىنى ئېچىلدى

  جاڭ چۈنشيەن سۆز قىلدى ۋە خىزمەت گۇرۇپپىسىغا بايراق تاپشۇرۇپ بەردى

  500 خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋە 2500 شەخس قوش ئىلغار شەرىپىگە ئېرىشتى

  سۆرەتتە: 24-فېۋرال ئاپتونوم رايونىمىزدا «ئۈچ ئەل» پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش-تەقدىرلەش ھەمدە سەپەرۋەرلىك ئۇزىتىش يىغىنى ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇرۇسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن قاتارلىق رەھبەرلەر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتىدىكى ئىلغار خىزمەت گۇرۇپپىسى (ئەترىتى)، ئىلغار شەخسلەرگە شەرەپ گۇۋاھنامىسى تارقاتتى.

  ئۆز خەۋىرىمىز. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 24 – فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئېچىپ، 2015 – يىللىق ‹‹ئۈچ ئەل›› پائالىيىتى خىزمىتىنى خۇلاسىلىدى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى ھەم ئىلغار كوللېكتىپ، ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلىدى، 2016 – يىللىق خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، 3 – تۈركۈمدە كەنتلەرگە چۈشىدىغان خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنى ئۇزىتىپ قويدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 2014 – يىلى 2 – ئايدىن باشلاپ ‹‹ئۈچ ئەل›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلغانىدى، بۇ يىل بۇ پائالىيەت قانات يايدۇرۇلغىنىغا ئۈچ يىل بولدى. بۈگۈنكى يىغىن تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايون بويىچە 112 تارماق مەيداندا 27 مىڭدىن كۆپرەك كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىن تەنتەنىلىك دۆلەت شېئىرى بىلەن باشلاندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 2015 – يىللىق ‹‹ئۈچ ئەل›› پائالىيىتىدىكى ئىلغار خىزمەت گۇرۇپپىسى(ئەترىتى) ۋە ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، ئىلى ئوبلاستلىق سودىگەر چاقىرىش – تەرەققىيات ئىدارىسى، ئوبلاستلىق ئىتتىپاق كومىتېتىدىن غۇلجا شەھىرىنىڭ بايانداي بازىرى بايانداي كەنتىگە چۈشكەن بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسى قاتارلىق 500 خىزمەت گۇرۇپپىسى (ئەترىتى)غا ئىلغار خىزمەت گۇرۇپپىسى (ئەترىتى)، ياڭ يۈلىڭ قاتارلىق 2500 يولداشقا ئىلغار شەخس دېگەن نامنى بېرىشنى قارار قىلدى.

  جاڭ چۈنشيەن قاتارلىق رەھبەرلەر تەقدىرلەنگەن ئىلغار خىزمەت گۇرۇپپىسى(ئەترىتى) ۋە ئىلغار شەخسلەرگە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى. تەقدىرلەنگەن ئىلغار خىزمەت گۇرۇپپىسى(ئەترىتى) ۋە ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرى، ئۆستۈرۈلۈپ مۇھىم خىزمەت ئورنىغا قويۇلغان كەنتكە چۈشكەن كادىرلار ۋەكىللىرى مەيدىسىگە قىزىل گۈل تاقاپ، ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما بىلەن كۆرۈشتى.

  يىغىندا ۋۇ شيەن، ئابلەت مەمەت، يۈ جيې، ئۆمەرجان قۇربان، جۇ شىڭجى، ليۇ جۈنگو، جاڭ يۈەن، گاۋ جياڭخۈەي قاتارلىق سەككىز يولداش 2 –، 3 – تۈركۈمدىكى كەنتكە چۈشكەن كادىرلارغا ۋە ئەۋەتىلگەن ئورۇنلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى. كۆپچىلىكنىڭ چوڭقۇر تەسىراتلىرى، جانلىق ھېكايىلىرى، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ھەقىقىي ئەھۋاللار مەيداندىكى 2 – تۈركۈمدىكى خىزمەت گۇرۇپپىلىرى ئەزالىرىغا كەنتكە چۈشۈپ ئىشلىگەن بىر يىلدىكى ئۇنتۇلغۇسىز كۈنلەرنى يەنە بىر قېتىم ئەسلىتىپ، 3 – تۈركۈمدىكى خىزمەت گۇرۇپپسىدىكى ئەزالارنىڭ ‹‹ئۈچ ئەل›› پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ھەقىقىي ئۈنۈم يارىتىش ئىرادىسى، ئىشەنچىسىنى چىڭىتتى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: 2015 – يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ئۈچ ئەل›› پائالىيىتىنىڭ ئالدىنقىسى بىلەن كېيىنكىسىنى باغلايدىغان ھالقىلىق بىر يىل. بىر يىلدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، خىزمەتلەرنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، خىزمەتكە سىجىل كۈچىدى؛ پارتىيەلىك كادىرلار تولۇپ – تاشقان ئىپتىخارلىق بىلەن پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىپ، تەشەببۇسكار رول ئوينىدى؛ ھەر مىللەت ئامما ئىنتىزار بولۇپ، ئۇلارنى چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىپ، قىزغىن قوللىدى. شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن ئۆلكە، شەھەرلەر ‹‹ئۈچ ئەل›› پائالىيىتىنى ناھايىتى قوللىدى، شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن نۇرغۇن كادىر بۇ پائالىيەتكە بىۋاسىتە قاتناشتى. ئاپتونوم رايون، بىڭتۈەن، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمدىن بولۇپ، 10 مىڭدىن كۆپرەك خىزمەت گۇرۇپپىسى(ئەترىتى)، 70 مىڭدىن كۆپرەك كەنتكە چۈشكەن كادىر ‹‹ئىككىدە قەتئىي تەۋرەنمەسلىك››نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇردى، ئاساسىي قاتلامنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى؛ ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش››نى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، دىنىي ئەسەبىي كەيپىياتنى كۆرۈنەرلىك ئاجىزلاشتۇردى؛ ئامما ئالدىنى ئېلىش، تۈزەش، كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي ۋەزىيەت سىجىل، مۇقىم، ياخشى بولدى؛ تەشۋىق قىلىش، تەربىيەلەش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئۆزئارا ئىشىنىش كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى؛ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، قەلبلەرنى ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەشنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈردى؛ ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش››نى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، كادىرلارنىڭ خىزمەت ئىستىلى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. ئىككى يىلدىن بۇيانقى ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ‹‹ئۈچ ئەل›› پائالىيىتى ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر، شىنجاڭنى مۇقىم، تىنچ – ئامان قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشتىكى مۇھىم ئىزدىنىش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئومۇمىي نىشاننى چۆرىدەش، يېڭى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، شىنجاڭدىكى تۈرلۈك مۇرەككەپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى ئاساسنى مۇستەھكەملەش تەدبىرى، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادروسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلام ئۇل خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا كۆپ قېتىم مۇھىم كۆرسەتمە ۋە تەستىقىي يوليورۇق بەردى. بىز ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقى، تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇپ، ئاساس سېلىشتىن قەتئىي تەۋرەنمەسلىكنى شىنجاڭنى مۇقىم، تىنچ – ئامان قىلىشنىڭ يىراق كەلگۈسى پىلانى ۋە ئۇلنى مۇستەھكەملەشنىڭ تەدبىرى قىلىش، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىدىن قەتئىي تەۋرەنمەسلىكنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايدىغان، دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرىدىغان مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغانغا ئايلاندۇرۇش›› تەلىپىگە ئاساسەن، يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادروسىلىق ئورنىدا باشتىن – ئاخىر تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، سىياسىينىڭ يېتەكلەش فۇنكسىيەسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئاممىنى تەربىيەلەش، يېتەكلەش، كەنت دەرىجىلىك تۈرلۈك تەشكىلاتلارغا بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنى مەركەز ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىجرا قىلىدىغان تەشكىللىگۈچى، ئىلگىرى سۈرگۈچىگە، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى يېزىلاردا ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ رەھبەرلىك يادروسىغا، يېزىلاردىكى تۈرلۈك تەشكىلات، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشنىڭ رەھبەرلىك يادروسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن ‹‹ئۈچ ئەل›› خىزمىتى ئۆلچىمىنى بېكىتىشنى تەكىتلىدى ھەم بۇ يىللىق ‹‹ئۈچ ئەل›› خىزمىتىنىڭ ‹‹1235›› نىشان – تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى، يەنى: بىر بازا قۇرۇش، ئىككى ‹‹قالپاقنى ئېلىۋېتىش››نى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى تۈردە رازى بولۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش، ‹‹ئۈچ يوق›› بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ‹‹بەشتە ياخشى پارتىيە ياچېيكىسى›› قۇرۇش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىلقى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. 2016 – يىللىق ‹‹ئۈچ ئەل›› پائالىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۈنۈمگە ئېرىشىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى داۋاملىق كۈچەيتىش، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش››نى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاشتىكى ‹‹ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت›› ئارقىلىق ‹‹ئالتە تۈرلۈك ۋەزىپە››گە بىر تۇتاش يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

  بىرىنچىدىن، مەڭگۈ كەتمەيدىغان خىزمەت ئەترىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. بىر ياخشى شۇجىنى تاللاپ، ئەڭ كۈچلۈك كادىردىن پايدىلىنىپ ئەڭ ئاجىز ئورۇننى كۈچەيتىپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى تىرىشىپ ئاشۇرۇش؛ بىر ياخشى بەنزە قۇرۇپ، ‹‹بەنزىنىڭ ئىتتىپاق، جەڭگىۋار بولالايدىغان، ئاممىنى پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلىيەلەيدىغان، خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرەلەيدىغان، مەسىلىلەرنى بايقىغان ھامان ھەل قىلالايدىغان، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا يۆلەك بولالايدىغان›› بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ بىر ياخشى قوشۇن قۇرۇپ، ‹‹ئۈچ قوشۇن›› قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئاساسىي قاتلامدىكى ياخشى كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىش؛ بىر تۈركۈم ياخشى مېخانىزمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر قاتار تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ياردەم قىلىش ھەم ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش؛ بىر ياخشى بازا قۇرۇپ، سىياسەت، بايلىق، كۈچ، مەبلەغنى سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ بازا قۇرۇلۇشىنى مەركەزلەشتۈرۈپ چىڭ تۇتۇش كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش››نى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك. تەشۋىقات – تەربىيەنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭدىكى زور ئۆزگىرىش، مەركەزنىڭ قوللىشى، غەمخورلۇقى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ خالىس ياردىمىنى، كەلگۈسىدىكى گۈزەل ئىستىقبالنى ياخشى سۆزلەش؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات – تەربىيە پائالىيىتىنى ياخشى تەشكىللەپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ بېرىش – كېلىش قىلىش، ھەمتۈرتكە بولۇش، ئالاقە قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۆزلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ دىن ئىشلىرىنى ياخشى باشقۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىن بىلەن سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنى ئۆزئارا ماسلىشىشقا پائال يېتەكلەپ، ‹‹بەشتە ياخشى دىنىي پائالىيەت سورۇنى››، ‹‹بەشتە ياخشى دىنىي زات›› بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر يۈرگۈزۈش، تۈجۈپىلەپ تەربىيەلەش مېخانىزمىنى ئورنىتىش؛ مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ ئەمەلىي تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى باشتىن – ئاخىر ساقلاپ، مەخسۇس تۈزەش بىلەن ئامما تۈزەش، ئامما ئالدىنى ئېلىش – تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ياخشى ۋەزىيەت، ياخشى مۇھىتنى ساقلاش ۋە كېڭەيتىش كېرەك.

  ئۈچىنچىدىن، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان سىياسەت، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايون بۇ يىل يەنە ‹‹خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى››نى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش جەريانىدا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىدىن بەھرىلەندۈرىدۇ.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ‹‹ئۈچ ئەل›› پائالىيىتىنى تەشكىللەش، رەھبەرلىك قىلىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە خىزمەت گۇرۇپپىلىرى ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇپ، بىرلەشمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹ئۈچ ئەل›› پائالىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇ قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇبيېكتلىق رولىنى كۈچەيتىپ، ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرلىكتە تۇتۇپ، ئورتاق باشقۇرۇش كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، ‹‹ئۈچ ئەل›› پائالىيىتىدە شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ‹‹تۆتتە كۈچلۈك››، ‹‹ئۈچتە ئىقتىدارلىق›› ياخشى كادىرلارنى تەربىيەلەپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ، خىزمەتلەرنى قېلىپلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى مۇھىت يارىتىپ، جامائەت پىكرى تەشۋىقاتى خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈش – يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، خىزمەتنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  ئارقىدىن، جاڭ چۈنشيەن 3 – تۈركۈمدىكى ‹‹ئۈچ ئەل›› خىزمىتى گۇرۇپپىلىرىغا بايراق تارقىتىپ بەردى. ئاپتونوم رايوندىن ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى ۋە خوتەن ۋىلايىتىگە چۈشكەن تۆت خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ۋەكىللىرى ئەترەت بايرىقىنى داغدۇغىلىق قولغا ئېلىپ ئېگىز لەپىلدەتتى. پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق ‹‹ئۈچ ئەل›› پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ما شۆجۈن تەقدىرلەش قارارىنى ئوقۇدى.

  چې جۈن، لى ۋېي، خۇاڭ ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، جۇ خەيلۈن، شيۇڭ شۈەنگو، شۈ خەيرۇڭ، غانىبات سابۇكەي، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، ليۇ شىنچى قاتارلىقلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئىچكىردىكى 32 ئالىي مەكتەپ شىنجاڭدا نۇقتا تەسىس قىلىپ سەنئەت  تۈرىدىن ئىمتىھان ئالدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2020-يىلىغىچە جۇڭگوچە ئېچىۋېتىلگەن ئالىي مەكتەپ سىستېمىسىنى ئورنىتىدۇ
      ·بەشتىن ئارتۇق مېيىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان ئادەتتىكى مەكتەپلەردە بايلىق دەرسخانىسى تەسىس قىلىش كېرەك 
      ·شىنجاڭ 2016 ـ يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان نەتىجىسى 18-فېۋرال ئېلان …
      ·13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئىچكىردىكى ئالىي مەكتەپلەر شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى…
      ·قازاقىستاندا قۇرۇلۇۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ ئېگىز بىنا پارتلاپ ئوت كەتتى(1)
      ·بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى∶ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچىمى چىقىرىلى…
      ·شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى: « ئوقۇش تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان كۆچمەن» ئ…
      ·شىنجاڭ 2016-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مۇزىكا تۈرىدىكى بىر تۇتاش ئىمتى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى ئالىي مەكتەپلەرنى يۇقىرى سەۋىيەدىكى پۇتبول كوماندىلىرىنى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرى…