باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2015 - يىلى شىنجاڭ 12315 سۇپىسى ئىستېمالچىلار ئۈچۈن60 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئىقتىسادىي زىياننى قايتۇرۇپ كەلدى

2016.02.25 16:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23-فېۋرال، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش خىزمىتىنى ( سىن ) يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2015-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك 12315 قوماندانلىق مەركىزى، پونكىتى جەمئىي قوبۇل قىلغان تۈرلۈك ئۇچۇر 241 مىڭ 682 پارچە بولۇپ، ئىستېمالچىلار ئۈچۈن 68 مىليون 986مىڭ 100يۈەن ئىقتىسادىي زىياننى قايتۇرۇپ كەلدى .

  12315 پاش قىلىش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ سانلىق مەلۇمات سىتاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك 12315 قوماندانلىق مەركىزى، پونكىتى قوبۇل قىلغان ھەر خىل مەسلىھەت بېرىش پاش قىلىش ئەرز قىلىش ئۇچۇرلىرىدىن 241 مىڭ 682 پارچە، مەسلىھەت بېرىش 184 مىڭ 880 پارچە، ئومۇمىي قوبۇل قىلغان مىقدارى بولسا 76.50%، ئەرز 50 مىڭ 764 پارچە، ئومۇمىي قوبۇل قىلىش مىقدارى 21%، 50255 پارچە بېجىرىلگەن، بېجىرىلىش نىسبىتى %99 كە يەتتى، ئىستېمالچىلار ئۈچۈن68 مىليون 986مىڭ 100يۈەن ئىقتىسادىي زىياننى قايتۇرۇپ كەلدى؛ پۈتۈن يىلدا قايتا ئەھۋال ئۇقۇشقان ئىستېمالچىلار 15 مىڭ 968 ئادەم، قايتا ئەھۋال ئۇقۇشۇش نىسبىتى % 31.41، ئىستېمالچىلارنىڭ رازىمەنلىك نىسبىتى 96.17% .

  نۆۋەتتە، 12315 كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشتىكى مۇھىم يولغا ئايلاندى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش، تەرەققىيات ئۈچۈن مۇلازىمىتى، ئىستېمالچىلار، ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەت قىلغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتتىنى قوغدايدىغان يېڭى كۆزنەككە ئايلاندى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر