باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىچكىردىكى 32 ئالىي مەكتەپ شىنجاڭدا نۇقتا تەسىس قىلىپ سەنئەت تۈرىدىن ئىمتىھان ئالدى

2016.02.22 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 18-فېۋرال، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2016- يىلى ئىچكىردىكى 32 ئالىي مەكتەپ شىنجاڭدا نۇقتا تەسىس قىلىپ سەنئەت تۈرىدىن ئىمتىھان ئالىدىكەن (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ « مەكتەپ ئىمتىھانى» دېيىلىدۇ. شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: 32 مەكتەپ ئىچىدە، چۇڭچىڭ پوچتا- تېلېگراف ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى بىرىچى تۈركۈمدىكى مەكتەپ؛ غەربىي شىمال پىداگوكىكا ئونۋېرسىتىتى، خۇبېي تەبىئىي پەن ئونۋېرسىتىتى قاتارلىق 9 مەكتەپ ئىككىنچى تۈركۈمدىكى مەكتەپ؛ پايتەخت پىداگوگىكا ئونۋېرسىتىتى كېدې ئىنستىتۇتى، نەنچاڭ تەبىئىي پەن ئىنستىتۇتى، خېبىي گۈزەل-سەنئەت ئىنىستىتوتى قاتارلىق 21 مەكتەپ ئۈچۈنچى تۈركۈمدىكى مەكتەپ (خەلق باشقۇرۇشىدىكى تولۇق كۇرس) ئىكەن. نەق مەيداندا تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋە كەسپى ئىمتىھان ۋاقتى 24-فېۋرالدىن 4-مارتغىچە، ئورنى بىر تۇتاش شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا تەسىس قىلىنغان.

  شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونىمىز نۇقتا تەسىس قىلىپ سەنئەت تۈرىدىن كەسپىي ئىمتىھان ئالىدىغان تولۇق كۇرس بىرىنچى تۈركۈم، ئىككىنچى تۈركۈمدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئەگەر مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىش تەلىپى بار بولسا، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر كەسپىي سىناققا قاتنىشىشى كېرەك. گۈزەل سەنئەت ياكى مۇزىكا تۈرى كەسپىگە تەۋە ئوقۇغۇچىلار تىزىملاتقاندا قولىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2016- يىللىق گۈزەل سەنئەت تۈرى ياكى مۇزىكا تۈردىكى كەسپىي ئىمتىھان تولۇق كۇرس لاياقەتنامىسى، 2-ئەۋلاد كىملىكى، سەنئەت تۈرىدىكى ئىمتىھانغا تىزىملىتىش كىنىشكىسى قاتارلىق ئالاقىدار گۇۋاھنامسى بار بولۇشى كېرەك، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر نۇقتا تەسىس قىلغان ئالىي مەكتەپ ئېلان قىلغان ۋاقىت، تەلەپ بويىچە مەخسۇس سىناققا قاتنىشىدۇ. ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى تولۇق كۇرس ۋە ئالىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) سەنئەت تۈرىدىكى ئالىي مەكتەپلەر (كەسىپ) ئاپتونوم رايونىمىزدا سەنئەت تۈرى كەسپىدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر، ئومۇمەن رايونىمىزنىڭ گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا تۈرىدىكى بىرتۇتاش ئىمتىھانىدا چېتىلىدىغان كەسىپلەردە بىۋاسىتە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كەسپىي بىر تۇتاش ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئىشلىتىدۇ، قايتا كەسپى ئىمتىھان تەشكىللىمەيدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر