باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19-يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2016.02.25 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19-قېتىملىق يىغىنى 24-فېۋرال چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى 162 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن سانغا ئۇيغۇن.

  دائىمىي كومىتېتىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپىسى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنى ئېچىشقا تەييارلىق كۆرۈش. شۇڭا يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئورگىنالى، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ12 -نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنىدىغان يىغىن قارالمىلىرى دەسلەپكى لايىھەسى، ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپ ئىسىملىكى لايىھەسى، يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىدىغانلار تىزىملىكى دەسلەپكى لايىھەسى قاتارلىق ئۈچ قارالما قاراپ چىقىلدى. يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى سۈن باۋشۇ بەرگەن دېڭىز ئاستى رايونىنىڭ بايلىقىنى چارلاش-ئېچىش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17-قېتىملىق يىغىنىدا دەسلەپكى لايىھەگە تۇنجى قېتىم قاراپ چىقىلىپ، يىغىندىن كېيىن جەمئىيەتكە ئاشكارا ئېلان قىلىپ پىكىر ئېلىندى. قانۇن كومىتېتى مۇنداق قارىدى: دېڭىز ئاستى رايونىنىڭ بايلىقىنى چارلاش، ئېچىش ۋە پەن-تېخنىكا تەتقىقاتى، بايلىق تەكشۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېڭىز مۇھىتىنى قوغداش، دېڭىز ئاستى رايونى بايلىقىدىن سىجىل پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانلارنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، بۇ قانۇننى تۈزۈش زۆرۈر، دەسلەپكى لايىھە قاراپ چىقىلىپ تۈزىتىلىپ، ئاساسەن پۇختىلاندى، بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىپ ماقۇللىشىغا سۇنۇش تەكلىپىنى بېرىمىز.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر