- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
خوشۇت قىزىل تاغ قەدىمىي قەبرىستانلىقى ئۆتكەن يىلى مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاش سايلىمىغا قاتناشتى
2016.02.25 16:09 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىدىن ئىگىلىشىچە، 2015- يىللىق مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاش باھالاش پائالىيىتى يېقىندا باشلاندى، خوشۇت ناھىيەسىنىڭ قىزىل تاغ قەبرىستانلىقى ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدىكى بىردىنبىر تاللانغان ئارخېئولوگىيەلىك تۈر بولۇپ قالدى .
قىزىلتاغ قەبرىستانلىقى ئارخېئولوگىيەلىك تۈرنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ يوڭچىياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قىزىل تاغ قەبرىستانلىقى خوشۇت ناھىيەسى قىزىل تاغ جىلغىسىنىڭ شىمالىي قىسىمىغا جايلاشقان، قىزىلتاغ جىلغىسى قەبرىستانلىقى، قىزىل تاغ قەبرىستانلىقى، ئۇلانتولىگەي قەبرىستانلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ قەبرىستانلىقتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، جەمئىي 400 نەچچە قەبرە بار. بۇ قېتىم قېزىۋېلىنغان 38 قەبرە ئىچىدە بىر ئۆي، 14 ئىبادەت قىلىش خارابىسى بايقالغان تەۋەررۈك 500 غا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت ساپالنىڭ سانى پۈتكۈل قېزىۋېلىنغان تەۋەرۈكىنىڭ 3/5 نى ئىگىلىگەن. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، قىزىلتاغ قەبرىستانلىقى دەسلەپكى تۆمۈر قوراللار دەۋرىدىن چىن خەنغىچە بولغان دەۋىرگە تەۋە ئىكەن، چاغاتاي مەدەنىيىتىنىڭ بىر مۇھىم ساقلىنىپ قالغان جايى ئىكەن.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر