باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خىزمەت گۇرۇپپىسى پارنىكتىكى ياغلىق شاپتۇلنىڭ چاڭلىشىش ئەھۋالنى كۆردى

2016.02.24 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: مۇنىردىن تۇنياز خەۋىرى، يەن شوۋلىن فوتوسى) يېقىندا ئونسۇ ناھىيەلىك يېزائىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسىنىڭ ئىشلەمچى يېزا ئىشلەمچى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار كەنتتىكى شاپتۇل پارنىكىدىكى ياغلىق شاپتۇللارنىڭ چېچەكلەپ چاڭلاشتۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. ھازىر باش باھار ۋاقتى،ھەمدە يېزىلارنىڭ تېرىقچىلىققا تەييارلىق قىلىۋاتقان ۋاقتى، كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار ئۆزىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشنى پىششىق بىلىشتەك تېخنىكا ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، پائال ئېتىز ئېرىق باشلىرىغا بېرىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دېھقانلارغا پارتىيەنىڭ دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلدى، دېھقانلارنىڭ ئىشلەپ چىقىرىشقا بولغان قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە نەق مەيداندىكى يېڭىدىن سالغان پارنىكتا سەي تېرىش باشقۇرۇش تېخنىكىلىرىنى ئۆگىتىپ، دېھقانلارغا ياردەملىشىپ دېھقانلارنى كىرىمنى ئاشۇرۇش يولىنى كېڭەيتىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، دېھقانلارنى ئىلىمى سەي تېرىپ، باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ تىزدىن ھاللىق سەۋىيەگە يىتىش يولىدا مېڭىشقا ياردەملەشتى.

  نۆۋەتتە بۇ كەنتتە «ھەربىر ئائىلە بىر تۈرلۈك كىرىمنى ئاشۇرۇش يولىنى پىلانلاش، ھەربىر ئائىلىدە بىر ئادەم بىرخىل ئەمىلى قوللىنىدىغان تېخنىكىنى ئىگىلىگەن بولۇش»تەك يېڭى دولقۇن قوزغالدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر