باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەركىن سودا سىناق رايونى سىنىقى ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش تېزلىتىلدى

2016.02.25 15:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سودا مىنىستىرى گاۋ خۇچېڭ 23-فېۋرال مۇنداق دېدى: گوۋۇيۈەن ئۆتكەن يىلى 4-ئايدا ئېلان قىلغان تۆت ئەركىن سودا سىناق رايونى لايىھەسى ئىچىدە گوۋۇيۈەننىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى ئۈستىگە ئالغان سىناق ۋەزىپىسى 366 بولۇپ، يولغا قويۇلۇش نىسبىتى %80 تىن ئېشىپ كەتتى. سودا مىنىستىرلىقى ھەر قايسى تارماقلار، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنى داۋاملىق پۈتۈن كۈچى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك سىناق ۋەزىپىلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

  گاۋ خۇچېڭ بىر قىسىم سىناق ۋەزىپىلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىگەنلىكى ھەققىدە توختىتىلىپ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىرىنچىدىن، ئەركىن سودا سىناق رايونى ئىككى-ئۈچ يىل سىناق قىلىنىدۇ، ئۇنىۋېرساللىقى كۈچلۈك، تەسىر دائىرىسى كەڭ بىر قىسىم ئىسلاھات تۈرلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلىپ، مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈش زۆرۈر؛ ئىككىنچىدىن، سىياسەت ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئالاقىدار تارماقلار يولغا قويۇش تەپسىلاتىنى تۈزۈۋاتىدۇ، مۇشۇنداق ئەھۋال مۇلازىمەت ساھەسىدە بىر قەدەر كۆپ، ياسىمىچىلىقتا ئاساسەن ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى؛ ئۈچىنچىدىن، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىر قىسىم تارماقلاردىن ھالقىغان ئىسلاھاتلار ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى پائال ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر