باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ سۇمۇرغ شەھىرىدە ئېتىشىش، ئوت قويۇش دېلوسى يۈز بەردى

2016.02.25 14:51         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 23-فېۋرال، ئامېرىكا ئارىزونا ئىشتاتى سۇمۇرغ شەھەرلىك ساقچى تەرەپنىڭ دەلىللىشىچە، بىر ئەر ئۆيىدە ئوق چىقارغان ھەمدە ئوت قويۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. ئۆيدىكى قالغان بەشەيلەننىڭ ھەممىسى قازا قىلغان.

  خەۋەردە دېيىلىشىچە، قاتىلنىڭ ئايال قېرىندىشى شۇ كۈنى ساقچى تەرەپكە قېرىندىشىنىڭ ئۆيدە ئوق چىقارغانلىقىنى ئېيتىپ تېلېفون ئۇرغان. ساقچى تەرەپ ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇنغا بارغاندىن كېيىن، قاتىل ئۆيدە تۇرۇپ ئوق چىقىرىپ، ساقچىلارنىڭ ئۆيگە كىرىشىنى توسقان ھەمدە ئوت قويغان، ساقچىلار ۋە ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى بىر ئامال قىلىپ ئۆيگە كىرىپ ئوتنى ئۆچۈرگەن، قاتىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئائىلە ئەزالىرىدىن تۆتەيلەن نەق مەيداندا قازا قىلغان، ئۇنىڭ بىر ئوغلى، 12 ياشلىق بىر قىزى ئېغىر يارىلىنىپ دوختۇرغا ئېلىپ بېرىش يولىدا قازا قىلغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر