باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2015-يىلى ئىستىمالنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى %66.4 كە يەتتى

2016.02.25 15:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2015-يىلى ئىستىمالنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى %66.4 كە يېتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى. جۇڭگو ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتا مەبلەغ سېلىش ۋە تاشقى سودىنىڭ تۈرتكە بولۇشىنى ئاساس قىلىشتىن ئىچكى تەلەپ بولۇپمۇ ئىستىمالنى ئاساس قىلىشتىن ئىبارەت زور بۇرۇلۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇردى.

  سودا مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولىشىچە، 2015-يىلى ئېلىمىزدە چېگرادىن چىققانلارنىڭ سانى 120 مىليونغا يەتكەن، چەتئەللەرگە چىقىپ ئىستىمال قىلىش، جۈملىدىن ساياھات، ياتاق، مال سېتىۋېلىش خىراجىتى 1 تىرىليون 500 مىليارد يۈەنگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 700-800 مىليارد يۈەن مال سېتىۋېلىشقا سەرپ قىلىنغان. ئوتتۇرىھال يۇقۇرى كىرىملىكلەرنىڭ چەتئەللەردە مال سېتىۋېلىشى خېلى كۆپ نىسبەتنى ئىگىلىگەن، ئاساسلىقى ھەشەم بۇيۇملىرى، ئالىي ماركىلىق مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشتىن سۈپىتى ياخشى، ئىقتىدارى، باھاسى مۇۋاپىق كۈندىلىك بۇيۇملارنى سېتىۋېلىشقا ئۆزگەرگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر