باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنى ئېچىلدى

يىغىندا «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» ۋە 13-بەش يىللىق يىرىك پىلان تېزىسىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى مۇزاكىرە قىلىندى

2016.02.23 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 22-فېۋرال يىغىن ئېچىپ، گوۋۇيۈەن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنىدىغان «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» نىڭ ئورگىنالى ۋە تەكشۈرۈپ قاراپ چىقىدىغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ 13-بەش يىللىق يىرىك پىلان تېزىسنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى مۇزاكىرە قىلىندى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: 2015-يىلى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق مۇستەھكەم ئىشەنچ ۋە ئادەتتىن تاشقىرى جاسارەت بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلاپ، يىللىق ئاساسلىق نىشان، ۋەزىپىلەرنى تاماملاپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا يېڭى، مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: «13-بەش يىل»−ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچى. 13-بەش يىللىق يىرىك پىلان تېزىسىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىنى ئىلمىي تۈزۈش ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ نورمال ھالىتىگە ماسلىشىش، ئۇنى ئىگىلەش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىش، ئېلىمىز ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ھەل قىلغۇچ باسقۇچىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشتا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «13-بەش يىل» دا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-،4-،5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزم، لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات 1-مۇھىم ۋەزىپە دەيدىغان ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ماسلاشتۇرۇش، يېشىل بولۇش، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھرىلىنىش تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەركەز قىلىپ، تەمىنلەشتىكى يانداش قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئۈنۈملۈك تەمىنلەشنى كېڭەيتىپ، ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنى قاندۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات يېڭى نورمال ھالىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان تۈزۈلمە، مېخانىزم ۋە تەرەققىيات شەكلىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك كۈچنى ساقلاپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغۋار گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: 13-بەش يىللىق يىرىك پىلان تېزىسىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا ۋە سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 4-يىغىنىنىڭ مۇزاكىرە قىلىشىغا سۇنۇلۇش جەريانىدا، دېموكراتىيە تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراستىدىن پايدىلىنىلىپ، پىلان تېزىسى ھەقىقىي ياخشى تۈزۈلۈپ، پىلان تېزىسىنى تېخىمۇ ياخشى يولغا قويۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر