باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇلتۇر ئېلىمىزنىڭ كېسەلدىن جىددىي قۇتقۇزۇش تۈزۈمىدە 140 مىڭ بىمار قۇتقۇزۇلدى

2016.02.25 15:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 23-فېۋرال دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن ئۇقۇشىچە، بۇلتۇر ئېلىمىز كېسەلدىن جىددىي قۇتقۇزۇش تۈزۈمى ئارقىلىق 140 مىڭ 326 بىمارنى قۇتقۇزۇۋالغان، ئىلتىماس قىلىنغان چىقىم سوممىسى بىر مىليارد 128 مىليون يۈەن بولغان. بۇ تۈزۈم 2013-يىلى ئورنىتىلغاندىن بۇيان، جەمئىي 370 مىڭ بىمار داۋالاپ ساقايتىلغان. دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى داۋالاش سىياسىتى، داۋالاشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت نازارەتچىسى جۇجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جىددىي قۇتقۇزۇشقا تېگىشلىك، ئەمما سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان ياكى داۋالاش چىقىمىنى تۆلەشكە قۇربى يەتمەيدىغان جىددىي، ئېغىر، خەتەرلىك كېسەللەر، يارىدارلارنى داۋالاپ قۇتقۇزۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئېلىمىز 2013-يىلىدىن تارتىپ، كېسەلدىن جىددىي قۇتقۇزۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مالىيە سېلىنمىسى ۋە ئىجتىمائىي ياردەم قاتارلىق كۆپ يوللار ئارقىلىق، كېسەلدىن جىددىي قۇتقۇزۇش فوندى جۇغلاپ، جىددىي داۋالاپ قۇتقۇزۇشقا كېتىدىغان خىراجەتكە تولۇقلىما بەردى. جۇجۈن مۇنداق دېدى: كېسەلدىن جىددىي قۇتقۇزۇش تۈزۈمى-قىيىنچىلىقى بار بىمارلارنى كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغالغاندا خىراجەتتىن غەم قىلمايدىغان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ فوند ئىلتىماس شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان دوختۇرخانىلارغا ئېھتىياج بويىچە ئاجرىتىلىدىغان بولغاچقا، دوختۇرخانىلارنىڭ يۈكىنى ئازايتالايدىغان، دوختۇرخانىلارمۇ بىمارلارنى كۆڭۈل قويۇپ داۋالايدىغان بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر