باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىئلگىرى سۈرۈش بويىچە مۇھىم كۆرسەتمە بېرىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ماس بولۇش، يېشىل بولۇش، ئوچۇق بولۇش، ئورتاق بەھرلىنىش تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگوچە يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى ئىزچىل ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەكىتلىدى

لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى، جاڭ گاۋلى گوۋۇيۈەننىڭ يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2016.02.24 14:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىچوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە مۇھىم كۆرسەتمە بېرىپ، شەھەر-بازارلاشتۇرۇش زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىئىلگىرى سۈرۈش بويىچە بىر قاتار مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. كېيىنكى باسقۇچتىكى ھالقىلىق مەسىلە كۈچ ۋە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ، پۇختا قەدەمدە ئىلگىرىلەش. بۇ يىل «13-بەش يىل» باشلانغان يىل، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا، جەزمەن يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش، ماس بولۇش، يېشىل بولۇش، ئوچۇق بولۇش، ئورتاق بەھرلىنىش تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئادەمنى شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى مەركەز قىلىپ، نوپۇسنى شەھەر-بازارلاشتۇرۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشكە، شەھەر-بازارلارنىڭ ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى باراۋەرلەشتۈرۈشكە، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان مۇھىت ۋە تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشقا، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئىلمىي قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىپ، يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار يانداش ئىسلاھاتنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، جايلارنى ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈش، دادىل يېڭىلىق يارېىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپىتالنى قاتناشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، جۇڭگوچە يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنىڭ ساغلام تەرققىياتىنى ئىزچىل ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، شەھەر-بازارلاشتۇرۇش زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئەڭ زور ئىچكى ئېھتىياجىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ۋە تەرەققىيات ھەرىكەلەندۈرگۈچ كۈچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. جايلار، تارماقلار بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاش تەلىپى بويىچە، مۇقىم ئاشۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، ئادەمنى شەھەر-بازارلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مەركەزنى چىڭ تۇتۇپ ۋە سۈپەتنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ھالقىنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلاردىن يۆتكەلگەن نوپۇسنى شەھەرلەشتۈرۈشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاھالىلارنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان جامائەت مەھسۇلاتلىرى ۋە جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ماس كېلىدىغان ھەم بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان، بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈزۈلمە مېخانىزمىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ شەھەر-يېزا ئاھالىسىغا نەپ يەتكۈزۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇراھال ۋە يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئوتتۇراھال، يۇقىرى سەۋىيەگە قەدەم بېسىشى ئۈچۈن كۈچلۈك تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر