باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۆت تارماق يەر زاپىسى ۋە مەبلەغ باشقۇرۇشتا ئەمەلىي تەدبىر قوللاندى

2016.02.25 15:28        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆي مۈلۈك بازىرىدىكى قالدۇق ئۆيلەر كۆپىيىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇرۇنقى ئۆي مۈلۈك كەسپىگە بەك ئەھمىيەت بېرىش قىزغىنلىقى سۇسلاشتى، لېكىن يەر ئۆتۈنۈپ بېرىش كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ تېزدىن ئاستىلىشى-يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يوشۇرۇن قەرز خەتىرىدىن بېشارەت بەردى. مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى، جۇڭگو خەلق بانكىسى، بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتى يېقىندا بىرلىشىپ ھۆججەت چىقىرىپ، يەر زاپىسى ۋە مەبلەغ باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرىدىغان بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈردى.

  تۆت تارماق ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان ئالاقىدار ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، بۇ يىل 31-دېكابىرغىچە، جايلار كەسپىي ئورۇنلارنى تۈرگە بۆلۈپ ئىسلاھ قىلىشقا بىرلەشتۈرۈپ، ھازىرقى يەر زاپىسى ئورگانلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ بولىدۇ. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: يەر زاپىسى خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئورگان ۋە خادىملار ئىخچاملىنىدۇ، ھەر بىر ناھىيە دەرىجىلىك ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي رايوندا پىرىنسىپ جەھەتتىن پەقەت بىر يەر زاپىسى ئورگىنى تەسىس قىلىنىپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق مەمۇرىي رايوندىكى دۆلەت زېمىن بايلىقىنى باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ بىر تۇتاش باشقۇرۇشىدا بولىدۇ.

  تۆت تارماق مۇنۇلارنى ئېنىق تەلەپ قىلدى: جايلار يەر زاپىسىغا مەبلەغ جۇغلاش ئۇسۇلىنى تەڭشىشى لازىم؛ يەر زاپىسى ئورگانلىرى يېڭىدىن كۆپەيگەن يەر زاپىسى تۈرلىرىنىڭ مەبلىغىگە ئېھتىياجلىق بولسا، بەلگىلىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلغان ئاساستا، ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند خامچوتىغا كىرگۈزۈشى كېرەك. بۇ يىل 1-يانۋاردىن تارتىپ، جايلارنىڭ يەنە بانكا پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىدىن يەر زاپىسى قەرزى سورىشىغا بولمايدۇ.

  تۆت تارماق مۇنۇلارنى بەلگىلىدى: يەر زاپىسى مەبلىغىنى ئاساسلىقى يەر ئېلىش، سېتىۋېلىش، ئالدىن سېتىۋېلىش، قايتۇرۇۋېلىش ھەم زاپاس يەر تەمىناتىدىن بۇرۇنقى ئالدىنقى مەزگىللىك ئېچىش قاتارلىق يەر زاپىسى چىقىمىغا ئىشلىتىش كېرەك، يەر زاپىسى ئورگانلىرىنىڭ كۈندىلىك راسخوت چىقىمىغا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. يەر زاپىسى ئورگانلىرى ئېھتىياجلىق بولغان كۈندىلىك راسخوتنى يەر زاپىسى مەبلىغى بىلەن ئايرىپ ھېسابلاش لازىم، ئۆز ئارا ئارىلاشتۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر