باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گوگىل شىركىتى قارمىقىدىكى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار: دۇنيا قورشاۋ شاھمات چېمپىيونى بىلەن تۇتۇشماقچى

2016.02.25 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورېيە شاھمات يۇرتى ۋە گۇگېل «چوڭقۇر تەپەككۇر» شىركىتى 22-كۈنى سىئولدا بىرلەشمە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ، كورىيە قورشاۋ شاھمات ماھىرى لى شېشى بىلەن گۇگۇل سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار «ئالفا قورشاۋ شاھمات»نىڭ ئېلىشىش ئۇسۇلى، ئورنى ۋە قائىدىسى قاتارلىق ئىنچىكە تەپسىلاتلارنى ئېلان قىلدى.

  كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، لى شېشى بىلەن ئالفانىڭ بەش مەيدان تۇتۇشۇشى كېلەر ئاينىڭ 9-كۈنى، 10-كۈنى، 12-كۈنى، 13 - ۋە 15 - سىئول تۆت پەسىل مېھمانخانىسىغا ئۆتكۈزۈلىدۇ، مۇسابىقە ۋاقتى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى سائەت بولۇپ، ھەرمىنۇتتا ئۈچ قېتىم ۋاقىت مەلۇم قىلىىدۇ، مۇسابىقىدە جۇڭگو شاھمات قائىدىسى قوللىنىلىدۇ، سىن تور بېكىتى مۇسابىقىنى نەقمەيداندىن كۆرسىتىدۇ، ھەمدە كورىيەچە ۋە ئېنگىلىزچە چۈشەندۈرىدۇ. بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلبە قىلغۇچىسى بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرى مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغان بولۇپ، ئەگەر ئالفا غەلىبە قىلسا، مۇكاپات پۇلىنى ب د ت بالىلار فوندى، STEMمائارىپى ۋە قورشاۋ شاھماتقا مۇناسىۋەتلىك پاراۋانلىق تەشكىلاتىغا ئىئانە قىلىدۇ. يېقىندا، ئالفا ياۋروپا قورشاۋ شاھمات چىمپىيونى فەن خۇينى مەغلۇپ قىلىپ، كىشىلەرنىڭ زور دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغىدى.

  گوگىلنىڭ مۆلچەرىچە، لى شېشى بىلەن ئالفانىڭ قورشاۋ شاھمات مۇسابىقىسىدىكى يېڭىش نېسبىتى تەڭ ئىكەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر