باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سودا مىنىستىرلىكى: بۇلتۇر تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكىسپورتى نىشانغا يەتمىدى

2016.02.25 15:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2015-يىلى ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكىسپورتى مەنپى ئېشىپ، پۈتۈن يىللىق %6لىك كۆزلەنمە نىشانغا يەتمىدى. سودا مىنىستىرى گاۋ خۇچېڭ بۇ توغرىسىدا 23-فېۋرال مۇنداق دېدى: بۇلتۇر ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودا نەتىجىسى ئاسان قولغا كەلمىدى. 2015-يىللىق تاشقى سودا نىشانىنى بېكىتكەندە، نۇرغۇن مۇقىمسىز ئامىللارنىڭ بارلىقى مۆلچەرلەنگەن، ئەمما دۇنيا ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە جۇغراپىيە سىياسىسى، قىسمەن جايلاردىكى قالايمىقانچىلىق قاتارلىق بىر قاتار تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشلەر مۆلچەردىكىدىن ھەقىقەتەن ئېشىپ كەتتى.

  گاۋ خۇچېڭ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودا نەتىجىلىرى ئاسان قولغا كەلمىدى. بىرىنچى، جۇڭگونىڭ سانائەت سىستېمىسى ئىنتايىن مۇكەممەل، كەسىپ زەنجىرى ناھايىتى ئۇزۇن، يۈرۈشلىشىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك؛ ئىككىنچى، جۇڭگونىڭ ناھايىتى كۈچلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى بار، ئەمەلىيەتتە 2008-يىلى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدىن باشلاپ، كارخانىلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەڭشەلدى؛ ئۈچىنچى، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشى ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەردىكى يېڭىلىق يارىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ تۆتىنچى، ھۆكۈمەت كارخانىلارغا قولايلاشقان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان تېجارەت-سودا مۇھىتىنى تىرىشىپ يارىتىپ بەردى، ئاپپاراتلارنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بەردى، باج-ھەقلەرنى ئېنىقلاپ، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرىشى قىيىن، قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. بۇ ياخشى يۈزلىنىشنىڭ 2016-يىلى داۋاملىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر