باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزى بانكا زايوم بازىرىنى يەنىمۇ ئېچىۋەتتى ھەمدە سومما چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى

2016.02.25 15:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بانكىلار ئارا زايوم بازىرىنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو خەلق بانكىسى 24-كۈنى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، تۈرلۈك چېگرا سىرتىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن خېرىدارلارغا يۈزلىنىپ تارقىتىلغان مەبلەغ سېلىش مەھسۇلاتلىرى، شۇنىڭدەك ياشانغانلارنى بېقىش فوندى، ساخاۋەت فوندى، ئىئانە-ھەدىيە فوندى قاتارلىق مەركىزى بانكا ئېتىراپ قىلغان باشقا ئوتتۇرا، ئۇزاق مۇددەتلىك مەبلەغ سالغۇچى ئاپپاراتلارنىڭ بانكىلار ئارا زايوم بازىرىغا مەبلەغ سېلىشىغا رۇخسەت قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سومما چەكلىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

  ئۇقتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، مەركىزىي بانكا چېگرا سىرتىدىكى ئوتتۇرا - ئۇزاق مەزگىللىك ئاپپاراتلارغا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بانكىلار ئارا زايوم بازىرىغا مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىدىغان بولۇپ، بۇ تۈردىكى مەبلەغ سالغۇچىلار بانكىلار ئارا زايوم بازىرىغا مەبلەغ سېلىشنىڭ سومما چەكلىمىسى يوق ئىكەن. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان چېگرا سىرتىدىكى ئاپپارات مەبلەغ سالغۇچىلار بانكىلار ئارا بازار راسچوت ۋاكالەتچىسى ئارقىلىق ئەنگە ئالدۇرۇش، ھېساب ئېچىش قاتارلىق رەسمىيەتلەرنى بېجىرگەندىن كېيىن، بانكىلار ئوتتۇرىسىدىكى زايوم بازىرىغا قاتناشقۇچىلار بولۇپ قالىدىكەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر