- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
كۇبا رەھبىرىنىڭ ئاكىسى رامون كاسترو ۋاپات بولدى
2016.02.25 14:49 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
كۇبا ‹‹ئەمگەكچىلەر گېزىتى››نىڭ 23-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 23-فېۋرال ئەتىگەندە، كۇبا رەھبىرى رائۇل كاسترو ۋە كۇبانىڭ سابىق رەھبىرى فىدېل كاسترونىڭ ئاكىسى رامون كاسترو ھاۋاناد 91 يېشىدا ۋاپات بولغان.
1924-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى، رامون كاسترو كۇبانىڭ شەرقىدىكى خولگۈن ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان. رامون كاسترو 1953-يىلىدىكى مەشھۇر ‹‹26-ئىيۇل›› ھەرىكىتىگە قاتناشقان، بۇ بىر قېتىملىق باتتىستا فاشىستلىرىغا قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ بولۇپ، ئۇ كۇبا خەلقنىڭ ھاكىمىيەتنى قوراللىق تارتىۋېلىشنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ قالغان.
1959-يىلى كۇبا ئىنقىلاب ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، رامون كاسترو دېھقانچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. رامون كاسترو ئىلگىرى يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ۋە شېكەرچىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر