باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ۋېنگىرىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مۇساپىرلارنى بۆلۈپ ھەل قىلىش مەسىلىسىنى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋاز بېرىشىگە قويماقچى

2016.02.25 15:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋېنگىرىيە زۇڭلىسى ئوربان تۈنۈگۈن، ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ۋېنگىرىيەگە مۇساپىرلارنى مەجبۇرى تەقسىملىگەنلىكىگە قوشۇلۇش قوشۇلماسلىقنى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. ئوربان مۇنداق دېدى: ۋېنگىرىيە پۈتۈن مەملىكەتتە «ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ۋېنگىرىيە پارلامېنتى قوشۇلمىغان ئەھۋالدا باشقا دۆلەت پۇقرالىرىنى ۋېنگىرىيەگە مەجبۇرى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قوشۇلۇش قوشۇلماسلىق» مەسىلىسىنى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويىدۇ، بۇ مەسىلە دۆلەتلىك سايلام كومىتېتىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىگە سۇنۇلدى. بىراق ئوربان ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشنىڭ كونكرېت ۋاقتىنى ئاشكارىلىمىدى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىرى 2015- يىلى 22- سېنتەبىر ئىتالىيە، گىرېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى 120 مىڭ چەتئەللىك مۇساپىرنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسىگە ئاۋاز بېرىپ قوشۇلغان. ئەمما ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا بىر قىسىم دۆلەتلەر بۇ لايىھەدىن گۇمانلانغان ئىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر