باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىرانسىيە لىۋىيەدە ئىسلام دۆلىتىگە مەخپىي ھەرىكەت قوللاندى

2016.02.25 15:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىرانسىيە دۇنيا گېزىتىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، فىرانسىيە ئارمىيەسى لىۋىيەدە ئەسەبىي تەشكىلات ئىسلام دۆلىتىنىڭ لىۋىيەدە زورىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىسلام دۆلىتىگە مەخپىي ھەرىكەت قوللانغان. دۇنيا گېزىتى فىرانسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئالىي قاتلىمى ئەربابىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: فىرانسىيە لىۋىيەدىكى ئىسلام دۆلىتىگە نۇقتىلىق زەربە بەردى، لېكىن فىرانسىيە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈشى كېرەك. خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلدى: لىۋىيە ھۆكۈمىتى غەرب ئەللىرىنىڭ ئۆز چېگراسىدا ئوچۇق ئاشكارا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىغا يول قويمايدۇ، فىرانسىيە ئاساسلىقى ئالاھىدە قىسىمغا تايىنىپ لىۋىيەدە ھەربىي ھەرىكەت قىلدى، فىرانسىيە ئارمىيەسى يەنە ھەربىي ئايروپىلان ئىشقا سېلىپ لىۋىيەدىكى ئىسلام دۆلىتىنىڭ نىشانلىرىنى رازۋېدكا قىلدى. فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ئۆتكەن يىلى يانۋاردا نۇرغۇن تېررورلۇق ھۇجۇملىرى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئۆلۈم-يېتىم بولغان ئىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر