باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2016-يىلى شىنجاڭدىكى ئىككى مەنزىرە رايونى دۆلەت 5 A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولۇش ئۈچۈن كۈچەۋاتىدۇ

2016.02.25 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەتچىلىك خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى يىل ئىچىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونى ۋە ئىلى قاراجون مەنزىرە رايونىنى دۆلەت 5 A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قىلىپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قاراماي شەھىرىدىكى شەيتانكەرش، سانجى ئوبلاستى گۇچۇڭ ناھىيىسى جامبۇلاق مەنزىرە رايونىنىڭ دۆلەت ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مەنزىرە بايلىقىنى تەكشۈرۈش ھالقىسىغا كىرىش خىزمىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

  ئېسىل مەنزىرىلىك رايون قۇرۇلۇشى شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىدىكى مۇھىم خىزمەت. « 12 - بەش يىللىق پىلان » مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى 5 A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىش پىلانى يولغا قويۇشقا باشلىغان بولۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە دۆلەت 5 A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولۇپ ، 2009 - يىلىدىكى ئۈچ رايوندىن 2015-يىلىدىكى توققۇز رايونغا كۆپەيدى، تاشقورغان پامىر ساياھەت رايونى مەملىكەت بويىچە تۇنجى بەرپا قىلىنغان خەلقئارالىق ئېگىزلىكتىكى مەنزىرلىك ساياھەت رايونى بولۇپ قالدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر