- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
يىنچۈەن ئاكتىپ ئېنىرگىيە مەزمۇن قىلىنغان ۋىدېئونى سۈرەتكە ئېلىپ تارقىتىشنى مۇكاپاتلايدۇ
2016.02.25 16:12 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 24-فېۋرال يىنچۈەن شەھەرلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە: بۈگۈندىن باشلاپ، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە تورداشلار تېلېفون قاتارلىق سىنئالغۇ ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق كىشىلەرگە ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش قاتارلىق ئاكتىپ ئېنىرگىيە مەزمۇن قىلىنغان ۋىدېئونى سۈرەتكە ئېلىپ تارقاتسا مۇكاپاتلىنىدۇ.
مۇكاپاتلاش چارىسىغا ئاساسەن، قىسقا كۆرۈنۈشتە تولۇق قىلمىش جەريانى بولسا، مەزمۇنى چىن بولسا، ئۈندىدار، مىكرو بىلوگ، QQ توپى قاتارلىق يېڭى ئاخباراتتا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شەھەر ئاھالىسى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنسا، يىنچۈەن شەھىرى مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئىشخانىسى ئەسلىي كۆرۈنۈشنى ئېلان قىلغۇچىنى بىر قېتىمدا 100 يۈەندىن 200يۈەنگىچە مۇكاپاتلايدۇ .
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر