باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇكرائىنادا توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپ ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى

2016.02.25 15:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئۈچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپىسى يەنى ئۇكرائىنا، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى، رۇسىيەنىڭ سۆھبىتى تۈنۈگۈن بېلارۇسىيەنىڭ پايتەختى مىنىسكىدا ئاياغلاشتى. ئۇكرائىنا توقۇنۇشىدىكى ئىككى تەرەپ ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدى. ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى يىغىندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا دائىرىلىرى بىلەن ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئەل ئىچى قوراللىق تەشكىلاتلار 26-فېۋرال ھەر ئىككى تەرەپ تۆتتىن سەككىز ئەسىرنى ئالماشتۇرۇشنى كېڭىشىپ بېكىتتى. رۇسىيە ۋەكىلى گېرىزلوف يىغىندىن كېيىن ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئۈچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپىسىنىڭ كېلەر ھەپتە مىنىسكىدا ئىككى ھۆججەت ئىمزالايدىغانلىقى، بۇنىڭ بىرىنىڭ مىنا رايونىنى بېكىتىش ۋە ئايرىش مەسىلىسى ئىكەنلىكى، يەنە بىرىنىڭ ئۇچرىشىش لىنىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 15 كىلومېتىر بولغان دائىرىدە قارغا ئېتىش مەشىقىنى چەكلەش ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر