- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تۈركىيە ئەنقەرەدىكى پارتلىتىش ھۇجۇمىنىڭ كۇرت قوراللىقلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى دەلىللىدى
2016.02.25 15:51 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
تۈركىيە ئانادولو ئاگېنتلىقىنىڭ 23-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە تەپتىش دائىرىلىرى 17-فېۋرال ئەنقەرەدىكى ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمىنى 27 ياشلىق ئابدۇباسىت سۇمېر قوزغىغانلىقىنى دەلىللىدى. سۇمېر تۈركىيەنىڭ شەرقىدىكى ۋان ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان، 2005-يىلى 8-ئايدا كورت ئىشچىلار پارتىيەسىگە كىرگەن، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئىراقنىڭ شىمالىدا تەربىيەلەنگەن. 2014-يىلى ئۇ سالىھ نازىل ئىسمى بىلەن تۈركىيەگە قايتىپ كەلگەن. 17-فېۋرال كەچتە ئەنقەرە شەھەر مەركىزىدە ئۆزىنى قوشۇپ ماشىنا بومبا پارتلىتىش ھۇجۇمى قوزغاپ، 29 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، 60 ئادەمنى يارىلاندۇرغان. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، كورت ئىشچىلار پارتىيەسى بىلەن ئالاقىسى بار كورت ئەركىنلىك بۈركۈتى تەشكىلاتى ئەزايىمىز ئابدۇباسىت سۇمېر بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى قوزغىدى دېدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر