باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوبامانىڭ گۇئەنتانامۇ تۈرمىسىنى تاقاش لايىھەسى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ رەددىيەسىگە ئۇچرىدى

2016.02.25 15:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 23-فېۋرال ئامېرىكا پارلامېنتىغا گۇئەنتانامۇ تۈرمىسىنى تاقاش لايىھەسىنى رەسمىي سۇندى. پارلامېنتتىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ لايىھەدە مۇھىم مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرغان، شۇڭا پارلامېنتتا ماقۇللىنىشى مۇمكىن ئەمەس. ئوباما شۇ كۈنى ئاق سارايدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: گۇئەنتانامۇ تۈرمىسى ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا داغ تەگكۈزگەن ۋە ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ پەيدا بولۇش تۇپرىقىغا ئايلىنىپ قالغان. ئۇزۇندىن بۇيان، گۇئەنتانامۇ تۈرمىسى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى ياخشىلىماستىن ئەكسىچە ئاجىزلىتىۋەتتى. ئۇ: بۇ مەسىلىنى كېيىنكى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭغا قالدۇرۇپ قويۇشنى خالىمايمەن، شۇڭا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى پارلامېنتقا بۇ تۈرمىنى تاقاش لايىھەسىنى سۇندى دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر