- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ كىرىشى فىنلاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتىنى ئۆزگەرتىۋەتتى
2016.02.25 15:51 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
فىنلاندىيە قىزىل كىرىس جەمئىيىتى خەلقئارا تۈرىنىڭ باش مەسئۇلى لېۋ يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2016-يىلى زور تۈركۈم پاناھلىق تىلىگۈچى فىللاندىيەگە كىرىشى مۇمكىن. مۇساپىرلارنىڭ چىقىمى ۋە ئۇ ئېلىپ كەلگەن ئىجتىمائىي مەسىلىلەر فىنلاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، فىنلاندىيەنىڭ مۇساپىرلارنى جەلپ قىلىش كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. فىنلاندىيە ھۆكۈمىتى لايىھە تۈزۈپ كۆچمەنلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولمىغان باشقا دۆلەتتە تۇرۇۋاتقان تۇغقانلىرىنىڭ فىنلاندىيەدە جەم بولۇش ئىلتىماسىدىكى توساقلارنى كۆپەيتمەكچى بولدى، مەسىلەن ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش دېگەندەك. بۇ لايىھە يانۋارنىڭ ئاخىرى ئېلان قىلىندى، فىنلاندىيەدىكى ئەلئىچى تەشكىلاتلار ۋە مەمۇرىي ئورۇنلار باھالىغاندىن كېيىن بۇ يىل يازدا فىنلاندىيە پارلامېنتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر