باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى: 2020-يىلى بالىلار بۆلۈمى دوختۇرى 140 مىڭدىن ئاشۇرۇلىدۇ

2016.02.25 15:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پەن-مائارىپ مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جىن شېڭگو 24-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىرقى بالىلار بۆلۈمى دوختۇرلىرىنىڭ كەمچىل بولۇش ئەھۋالىغا قارىتا، بالىلار بۆلۈمى ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىلىپ، 2020 – يىلىغا بارغاندا، بالىلار كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرى 140 مىڭغا يەتكۈزۈلۈپ، ھەر مىڭ نەپەر بالىلارغا توغرا كېلىدىغان بالىلار كېسەللىكلىرى ۋراچلىرى سانى 0.6گە يەتكۈزۈلىدۇ .

  جىن شېڭگو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتىكى بالىلار كېسەللىكلىرى ۋراچى قىس بولۇش ئەھۋالىغا ئاساسەن، دۆلىتىمىزدە تۆت تۈرلۈك ئاساسلىق تەدبىر قوللىنىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش كۈچەيتىلىدۇ: بىرىنچى، بالىلار كېسەللىكلىرى كەسپىدىكى بالنىست ۋراچلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەربىيەلەش؛ ئىككىنچى، سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت تارماقلىرى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقى تىبابەت بىلەن مائارىپنى ماسلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ ئۈچىنچى، بالىلار بۆلۈمى دوختۇرىلىرىنى ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ تەربىيىلەش؛ تۆتىنچى، بالىلار بۆلۈمى تېببىي خادىملىرىنى نىشانلىق ھالدا داۋاملىق تىببى تەلىم ئېلىشنى كۈچەيتىش.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر