خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چاغاندا ياغقان قار قومۇل يارداڭلىقنىڭ يەر يۈزىگە كۈمۈش لىباس يېيىپ قويغان بولۇپ، كەڭ كەتكەن قۇملۇق، يارداڭلىق، ئاپئاق قار ۋە بۇلۇتلار بىرلىشىپ، ئۆزگىچە گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلغانىدى.
قۇمۇل يارداڭ قۇمۇل شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 70كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قارا دۆۋە يېزىسى تەۋەسىدە بولۇپ، ئۇ يەردىكى قۇملۇق يارداڭلىق بىلەن تۇتۇشۇپ كەتكەن، مەنزىرىسى ھەيۋەتلىك، يارداڭلىقنىڭ ئۈزۈك ۋە ياپراقچە يەر شەكلى ھالىتىنىڭ شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 50-60كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى تەخمىنەن 30كىلومېتىر كېلىدىغان دائىرە ئىچىدە. يارداڭ 1999 - يىلى قۇمۇل شەھىرى «قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ ساياھەت يىرىك پىلانى» دا سىرلىق ئېكسپېدىتسىيە قىلىش، ئىلمىي تەكشۈرۈش قاتارلىق ئالاھىدە ساياھەت لىنىيەسىگە كىرگۈزۈلگەن. ھازىر قۇمۇلدا يارداڭ يەر شەكلى تەبىئىي ئېكولوگىيە باغچىسى قۇرۇلۇپ، بىر ئادەتتىكى ساياھەت لىنىيىسى، ئىككى ئېكسپېدىتسىيە لىنىيىسى ئېچىلىپ، ئېكسپېدىتسىيىچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى