باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ 2016 ـ يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان نەتىجىسى 18-فېۋرال ئېلان قىلىدۇ

2016.02.16 14:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15-فېۋرال، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ 2016 ـ يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان نەتىجىسى 18-فېۋرال بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 18 دە شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى، شىنجاڭ مائارىپ نازارىتىنىڭ تور بېكىتىدە رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ، شۇ چاغدا شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئورۇنلارنىڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەر شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى، شىنجاڭ مائارىپ نازارىتى تورىغا چىقىپ ئەسكەرتىش ئارقىلىق ياكى ئىمتىھان تىزىملاتقان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۆزىنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىنى تەكشۈرسە بولىدۇ.

  شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى ئادرېسى: http://www.xjzk.gov.cn؛ شىنجاڭ مائارىپ نازارىتىنىڭ تور ئادرېسى: http://www.xjedu.gov.cn.

  ئىمتىھان بەرگۈچىلەر مەسىلەن ئۆزىنىڭ نەتىجىسىگە گۇمان قىلسا، ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ئورۇنلارغا نەتىجىسىنى قايتا تەكشۈرىدىغان يازما ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ. قايتا ئىمتىھان نەتىجىسىنى تەكشۈرۈش ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى: 24-فېۋرالدىن 26-فېۋرالغىچە. ئوقۇغۇچىلار نەتىجىسىنى قايتا تەكشۈرۈش ئىلتىماس قىلىشتا چوقۇم ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئورۇنغا يازما ئىلتىماس سۇنۇشى ھەمدە قوشۇمچە كىملىك ۋە كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى تاپشۇرۇش لازىم(كونكرېت تەلەپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ ئۇقتۇرۇشى ئاساس قىلىنىدۇ) .

  ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئەگەر گۇمان بولسا، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئاسپىرانتلار بۆلۈمى مەسلىھەت بېرىش تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ(0991-8755803) ياكى ئۆزلىرى ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئورۇنلىرىدىن مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر