- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بەي جىجيې، قادىرقان مىراسقان ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلاندى
2016.02.16 15:07 مەنبە: خەلق تورى
جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تولۇقلانغانلارنىڭ تىزىملىكى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ( ئىككى نەپەر) (2016-يىلى 15-يانۋار سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنىدا ماقۇللاندى)
بەي جىجيې، ئەر، خەنزۇ، 1955 يىلى 7 - ئايدىن تۇغۇلغان، شەنشى ئۆلكىسى خېڭشەن ناھىيەسىدىن، 1973-يىلى 9-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1978 - يىلى 2-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى سىرتتىن ئوقۇتۇش ئىنستىتۇتىنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.
2015-يىلى 12-ئايدىن ھازىرغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.
قادىرقان مىراسقان، ئەر، قازاق، 1956-يىلى 1-ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ بۇرچىن ناھىيەسىدىن، 1974-يىلى 4-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1974 - يىلى 12-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.
2013-يىلى 3-ئايدىن ھازىرغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن بايلىقى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىرى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر