باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2016.02.15 15:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 14-فېۋرال گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا تېببىي دورىگەرلىك كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈپ مۇقىم ئېشىشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرىنى بېكىتىپ، ئەنئەنىۋى تېبابەتنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ خەلققە بەخت يارىتىش بېكىتىلدى؛ مۇلازىمەت سودىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ، تاشقى سودىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، مۇلازىمەتچىلىكنىڭ رىقابەت كۈچىنى كۈچەيتىش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تېببىي دورىگەرلىك ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بازار ئېھتىياجى زور، ھەر قايسى دۆلەتلەردە مۇھىم كەسىپ ھېسابلىنىدۇ. داۋالاش، دورا، سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ تېببىي دورىگەرلىك كەسپى تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ئاممىنىڭ داۋالىنىش، ساغلاملىق ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇۋېتىشتە ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە. يىغىندا مۇنۇلار بېكىتىلدى: بىرىنچى، ئاممىنىڭ جىددىي ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئەسلىي ئىجادىي دورا، تەقلىد قىلىپ ياسالغان دورا، جۇڭگو تېبابىتى دورىسى، يېڭى دورا، ئىلغار داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىپ يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىش، ئۆسمە، دېئابىت كېسىلى، يۈرەك، قان-تومۇر كېسەللىكى قاتارلىق كۆپ قوزغىلىدىغان كېسەللىك ۋە ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىدىغان مۇھىم دورىلارنى كەسىپلەشتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن ئەسلىي تەتقىق قىلىپ ياسالغان دورا ۋە كۇرۇسلۇق تەقلىدىي دورىلارنى خەلقئارادا رويخەتكە ئالدۇرۇشنى قوللاش كېرەك. ئىككىنچى، بىخەتەرلىكىنى باھالاش ۋە مەھسۇلات مەنبەسىنى تەكشۈرۈش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن جەرياندىكى سۈپەت نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيەدىن ئېشىپ كېتىپ، دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىسى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش، بولۇپمۇ ئاساسىي دورا سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مەھسۇلات سۈپەت بىخەتەرلىكىنى مەجبۇرىي سودا سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دورا ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ۋە يېشىل ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، داۋالاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تېببىي دورىنى بىر تۇتاش ئىسلاھ قىلىپ، كىلىنىكىدا جىددىي ئېھتىياجلىق دورا ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى تېزلىتىش كېرەك. مالىيە-باج، باھا، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپ فوندى قاتارلىق ئۇسۇللار ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تېببىي دورىنى كەسىپلەشتۈرۈش بىلەن يېڭى مەھسۇلاتنى ئومۇملاشتۇرۇشنى قوللاش كېرەك. تېببىي دورا كارخانىلىرىنى قوشۇۋېتىش ۋە قايتا تەشكىللەشنى قوللاپ، باشلامچى كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈپ، كەسىپ ئىچىدىكى «چېچىلاڭغۇلۇق» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك. تۆتىنچى، شەھەر، يېزالارنى قاپلىغان زامانىۋى تېببىي دورا ئوبوروت تورىنى قۇرۇپ، دورا بۇيۇملىرى خورىما ماتېرىياللىرىنىڭ باھاسىنى تەدرىجىي تەرتىپكە سېلىش كېرەك. مەملىكەت بويىچە دورا بۇيۇملىرى ئۇچۇرى جامائەت مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇپ، باھا، سۈپەت قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاپ، ئاممىنىڭ نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر