باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سەئۇدى ئەرەبىستانى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى تۈركىيەنىڭ ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ئەۋەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى

2016.02.15 14:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى 13- فېۋرال كەچتە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ، ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىش كۈچىنى زورايتىش ئۈچۈن، تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئىنجىرىك ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئەۋەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.

  سەئۇدى ئەرەبىستانى بۇ قېتىم ئىنجىرىك ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ھاۋا ئارمىيەسىنى ئەۋەتىپ قالماستىن يەنە قۇرۇقلۇق قىسىمىنىمۇ ئەۋەتكەن.

  تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى چاۋۇش ئوغلى 13- فېۋرال مۇنداق دېدى: تۈركىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى يەنە سۇرىيەدىكى ئىسلام دۆلىتىگە قۇرۇقلۇقتىن زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشى مۇمكىن.

  يېقىندا، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەر بىلەن بولغان ئۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك ھالدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەر سۇرىيەگە ھەربىي ئىشلار جەھەتتىن ئارىلىشىشنى كۈچەيتتى. سەئۇدى ئەرەبىستانى ئارمىيە تەرەپ يېقىندا مۇنداق دېدى: ئەگەر ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىش خەلقئارا ئىتتىپاقى قۇرۇقلۇقتىن ھەرىكەت قوللىنىشقا قوشۇلىدىغان بولسا، سەئۇدى ئەرەبىستانى سۇرىيەگە قۇرۇقلۇق قىسىمىنى ئەۋەتىشكە تەييارلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر