باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ بۇيرۇق ئىمزالىدى

قوراللىق ساقچى قىسىم شەندۇڭ ئۆلكىلىك باش ئەترىتى خېزې شەھەرلىك تارماق ئەترىتى چېڭۋۇ ناھىيەلىك ئوتتۇرا ئەترىتىگە «ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىدىكى نەمۇنىچى ئوتتۇرا ئەترەت» دېگەن شەرەپلىك نامنى بەردى

2016.02.14 14:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 13-فېۋرال بۇيرۇق ئىمزالاپ، قوراللىق ساقچى قىسىم شەندۇڭ ئۆلكىلىك باش ئەترىتى خېزې شەھەرلىك تارماق ئەترىتى چېڭۋۇ ناھىيەلىك ئوتتۇرا ئەترىتىگە «ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىدىكى نەمۇنىچى ئوتتۇرا ئەترەت» دېگەن شەرەپلىك نامنى بەردى.

  قوراللىق ساقچى قىسىم شەندۇڭ ئۆلكىلىك باش ئەترىتى خېزې شەھەرلىك تارماق ئەترىتى چېڭۋۇ ناھىيەلىك ئوتتۇرا ئەترىتى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، كۈچ ئۇلاپ تەرەققىي قىلىپ، ئۇلنى مۇستەھكەملەپ، ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش قىلىپ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىدى. يۇقىرى تەشكىللىگەن ھەربىي ماھارەت مۇسابىقىسىدە 26 قېتىم 1-لىككە ئېرىشىپ، 11 قېتىم رېكورت ياراتتى، ئۇدا 21 يىل ھەربىي مەشىق نەتىجىسى ئومۇمىي باھاسىدا مۇنەۋۋەرلىكنى قولدىن بەرمەي، 20 نەچچە قېتىم خېيىم خەتەردىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك ۋەزىپىلەرنى تاماملىدى، ئۇدا 30 نەچچە يىل ھادىسە سادىر قىلماي، ئىلگىرى-كېيىن بىر قېتىم 1-دەرىجىلىك، تۆت قېتىم 2-دەرىجىلىك، 11 قېتىم 3-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، ئۇدا 20 يىل ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىدا بايراقدار ئوتتۇرا ئەترەت بولۇپ باھالىنىپ، ئارمىيەنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىدىكى بايراقدار ئورۇن بولۇپ تەقدىرلەندى. گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئىلغارلارنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، قوراللىق ساقچى قىسىم شەندۇڭ ئۆلكىلىك باش ئەترىتى خېزې شەھەرلىك تارماق ئەترىتى چېڭۋۇ ناھىيەلىك ئوتتۇرا ئەترىتىگە «ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىدىكى نەمۇنىچى ئوتتۇرا ئەترەت» دېگەن شەرەپلىك نامنى بەردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر