2016 -يىللىق چاغان مەزگىلىدە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئاۋىياتسىيە قاتنىشى بىخەتەر ۋە مۇقىم بولغان. دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، چاغانلىق دەم ئېلىشتىكى يەتتە كۈندە دۆلەت ئىچى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرى 70 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق ئۇچقان بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 6.9 ئاشقان، يولۇچى توشۇش مىقدارى سەككىز مىليون 555 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 3 ئاشقان.
دۆلەت ئىچى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى بازار تەلىپى بويىچە، ھەر كۈنلۈك نورمال نۆۋەتچى ئايروپىلانلارغا كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، قىزىق نۇقتا شەھەرلىرى ۋە قىزىق نۇقتىلىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدە 6200 دىن ئارتۇق نۆۋەتچى ئايروپىلاننى، 11 مىليون 300 مىڭ ئورۇننى كۆپەيتكەن.
خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ئۆلچەپ تەكشۈرگەن مەملىكەتنىڭ ئاساسلىق شەھەرلەردىن تۇنجى يولغا چىقىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدىن ئايان بولۇشىچە، چاغان مەزگىلىدە، خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يولغا چىقىدىغان يولۇچىلىرى ئاساسلىقى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ، شېنجېن، خەيكوۋ، سەنيا، شىشۇاڭبەننا، چېڭدۇ، چۇڭچىڭ، كۇنمىڭ، لىجياڭ، نىڭبو، ئۈرۈمچى قاتارلىق ئەنئەنىۋى قىزىق نۇقتىلىق شەھەرلەرگە مەركەزلەشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە خەيكوۋ، سەنيا، شىشۇاڭبەننادىن يولغا چىققان نۆۋەتچى ئايروپىلانلاردىكى ئوتتۇرىچە يولۇچى ئولتۇرۇش نىسبىتى % 90 تىن ئېشىپ كەتكەن، لىجياڭ، نىڭبودىن يەتتە كۈندە يولغا چىققان ئايروپىلانلاردىكى ئوتتۇرىچە يولۇچى ئولتۇرۇش نىسبىتى % 85 تىن ئېشىپ كەتكەن.
بۇنىڭدىن باشقا، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ۋە كورېيە، ياپونىيە، شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدىكى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىمۇ نىسبەتەن يۇقىرى يولۇچى ئولتۇرۇش نىسبىتىنى ساقلاپ كەلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە شاڭخەي، نىڭبو، ۋۇيى، خاربىن، شىئەن قاتارلىق جايلاردىن يولغا چىقىدىغان شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن لىنىيەلىرى ۋە نىڭبو، نەنچاڭ قاتارلىق جايلاردىن يولغا چىقىدىغان خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يولۇچى ئولتۇرۇش نىسبىتى % 90 تىن ئېشىپ كەتكەن.
چاغان مەزگىلىدە، خەلقئارا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يولۇچىلىرىنىڭ سەپەر نىشانىدا يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلەر داۋاملاشقان بولۇپ، يانۋارنىڭ دەسلەپكى ئىككىنچى كۈنىدىن باشلاپ، ساياھەتنى نىشان قىلغان يولۇچىلار تېزلىكتە ئاشقان، خاربىن، چاڭچۈن، لىجياڭ، جاڭجياكوۋ، جيۇسەي، شىشۇاڭبەننا، بېيخەي قاتارلىق جايلار خەلق ئاۋىياتسىيەسى يولۇچىلىرىنىڭ سەپەر قىزىق نۇقتىسىغا ئايلانغان.
دەم ئېلىش مەزگىللىرى، بولۇپمۇ دەم ئېلىشنىڭ ئالدىدا، پۈتۈن مەملىكەتتە ئومۇمىي جەھەتتىن چوڭ دائىرىلىك ناچار ھاۋارايى كۆرۈلمىگەنلىكتىن، خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئومۇمەن نىسبەتەن يۇقىرى نورمال نىسبەتنى ساقلىغان، 1-ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ داليەن، شاڭخەينىڭ پۇدوڭ، تيەنجىن، ئۈرۈمچى، چاڭشا، شىجياجۇاڭ قاتارلىق جايلاردىن ئايرودروملار قار ياغقانلىقى ۋە كۆرۈش دەرىجىسى تۆۋەن بولغانلىقتىن، يولۇچى توشۇش نىسبىتىمۇ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكتىن، نۇرغۇن ئايروپىلانلار كېچىكتۈرۈلگەن ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى يۈرۈشكە نازارەت قىلىش مەركىزى پۈتۈن مەملىكەتتىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ يۈرۈشۈشىگە قارىتا نازارەتچىلىك ۋە بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتكەن، خەلق ئاۋىياتسىيەدىكى ھەرقايسى ئورۇنلار نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ كېچىكتۈرۈلۈش ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە مۇلازىمەت خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەن.