باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش تەلەپ قىلىندى

2016.02.16 13:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى يېقىندا «2016-يىلى پۈتۈم مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى چىقىرىپ، جايلاردىن ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا ئىشقا ئورۇنلىشىش، مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىلھام بېرىش قاتارلىق سىياسەت تەدبىرلەرنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش شەكلىنى قوللاشنى كۈچەيتىشى؛ باجنى ئازايتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرزى ۋە قوشۇمچە ئۆسۈم، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تولۇقلىمىسى، تەربىيەلەش تولۇقلىمىسى، ئىش ئىزدەش، ئىگىلىك تىكلەش تولۇقلىمىسى بېرىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ يوللار بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھەر قايسى شەھەرلەردىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەر بىلەن تەشەببۇسكار ھالدا ئالاقە باغلاپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا مۇلازىمەت قىلىش پائالىيىتىنى بىرلىكتە قانات يايدۇرۇشى؛ ئىشقا ئورۇنلىشالماي تىزىمغا ئالدۇرغان ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئېھتىياجى بويىچە خاسلاشقان ئىش ئىزدەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش لايىھەسىنى تۈزۈپ، كەسىپ جەھەتتىن يېتەكلەش، ئىش ئورنى ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەش، ماھارەت جەھەتتىن تەربىيەلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكىسى قىلدۇرۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلىشى لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر