باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي «13-بەش يىللىق» يىرىك پىلان ئېلان قىلدى

2016.02.16 14:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا «<13-بەش يىل> مەزگىلىدىكى بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ يىرىك پىلانى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يىرىك پىلان» دېيىلىدۇ) ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلدى، بۇ مەملىكەت بويىچە تۇنجى ئۆلكە، شەھەر ھالقىغان رايوننىڭ «13-بەش يىللىق» يىرىك پىلانى.

  «يىرىك پىلان» «بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ ماس تەرەققىيات يىرىك پىلان تېزىسى»نى ئاساسىي قوللانما قىلىپ، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينى بىر رايون سۈپىتىدە بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ پىلانلاپ، شەھەرلەرنىڭ توپ تەرەققىياتى، كەسىپلەرنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، قاتناش ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش جەھەتلەردە بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ نىشانى ئوخشاش، تەدبىرلىرى بىر گەۋدىلەشكەن، ئەۋزەللىكى بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ ئورتاق يېڭىدىغان تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسى شەكىللەندۈرمەكچى بولدى.

  «يىرىك پىلان» يېڭىلىق يارىتىش، ماس بولۇش، يېشىل بولۇش، ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھرىلىنىش تەرەققىيات ئىدىيەسىنى باش يېتەكچى قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان تۈزۈلمە-مېخانىزم ۋە تەرەققىيات ئۇسۇلى بېكىتىش ئۈستىدە ئىزدەندى، شۇنداقلا ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ كونكرېت تەرەققىيات نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدى: 2020-يىلغىچە، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي رايونلىرىنىڭ ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلاپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەشتە مۇھىم نەتىجىلەرگە ئېرىشىش؛ ماس تەرەققىياتتا باسقۇچلۇق ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، پايتەختنىڭ «چوڭ شەھەر كېسىلى» مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، رايونلار بىر گەۋدىلەشكەن قاتناش تورىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈپ، جامائەت مۇلازىمىتىنى ئورتاق قۇرۇپ، ئورتاق بەھرىلىنىشتە پائال نەتىجىگە ئېرىشىپ، ماس تەرەققىيات ۋە ئامىللارنىڭ ئېقىشىنى چەكلەيدىغان تۈزۈلمە-مېخانىزم توسالغۇلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يېشىل، تۆۋەن كاربون سەۋىيەسىدىن ئۆستۈرۈش؛ خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى تېز ئاشۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تۇرالغۇ قاتارلىق جامائەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى تەكشىلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر