باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چاغان مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشيولىدا 46 مىليون 480 مىڭ 500 يۈەن كىچىك ئاپتوموبىل قاتناش ھەققى كەچۈرۈم قىلىنغان

2016.02.15 13:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 14-فېۋرال، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىمچە، چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە(7-فېۋرال سائەت 0:00 تىن 13-فېۋرال سائەت 24 غىچە)، شىنجاڭدىكى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيول 2 مىليون 544 مىڭ 200 ئاپتوموبىل 7 ئورۇنلۇق ۋە ئۇنىڭدىن كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ۋاسىتىلىرىدىن قاتناش ھەققى كەچۈرۈم قىلغان، كەچۈرۈم قىلىنغان سوممىسى46 مىليون 480 مىڭ 500 يۈەنگە يەتكەن.

  ئىئىگىلىنىشىچە، كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىل ھەقسىز يۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول ئىدارىسى بالدۇر پىلانلاپ، بالدۇر ئورۇنلاشتۇرۇپ، ۋىلايەت، ئوبلاست شەھەرلىك تاشيول ئىدارىسى ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدىكى ھەق ئېلىش پونكىتىنى يېتەكلەپ ھەق ئېلىش ماشىنا - ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ياخشى قوغداپ، بىر تۇتاش ھەر قايسى ھەق ئېلىش پونكىتىنىڭ ھەق سېستىما ۋاقتى بىلەن توغرىلاپ، ETC ئاپتوموبىل يولى بار ھەق ئېلىش پونكىتى ETC ئالاقىدار ماشىنا-ئېلېكتىر قوغداش نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەپ، ھەمدە ج خ قاتناش ساقچىلىرى، ھاۋا رايى قاتارلىق تارماقلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، تاشيول بويىدىكى LED ئۆزگۈرەيدىغان ئاخبارات تاختىسى، قاتناش رادىئو قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، چاغان مەزگىلىدە تاشيول قاتناش ئۇچۇرلىرى ۋاقتىدا ئېلان قىلىنغان، ئاممىنىڭ مۇۋاپىق يولغا چىقىش ۋاقتى ۋە لۇشيەننى تاللاشنى ئالدىن ئۇقتۇرۇپ قويۇپ ۋە يېتەكچىلىك قىلغان، ھەق ئېلىنىدىغان تاشيولدا ئاپتوموبىل قىستاڭچىلىق كۆرۈلمىگەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر