باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

«شى جىنپىڭنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى بايانىدىن تاللانمىلار» نەشر قىلىپ تارقىتىلدى

2016.02.15 15:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت تەتقىقات ئىشخانىسى تۈزگەن «شى جىنپىڭنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى بايانىدىن تاللانمىلار» دېگەن كىتاب يېقىندا مەركىزىي ھۆججەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېڭىلىق يارىتىشنى دۆلەت تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنىڭ يادرولۇق ئورنىغا قويۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلغان ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى مۇلاھىزە، يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ مۇھىم بايانلارنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇش ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات يېڭى نورمال ھالىتىگە ماسلىشىپ ۋە يېتەكلەپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشتىكى يېتەكچى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنى ئاساسلىق يېتەكچى ۋە تايانچ قىلىدىغان ئىقتىسادىي سىستېما ۋە تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشتا مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر