- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تۈركىيە زۇڭلىسى تۈركىيە سۇرىيەدىكى كۇرد قوراللىق كۈچلىرىگە قايتۇرما زەربە بەردى دېدى
2016.02.15 14:53 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 14- فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە: تۈركىيە زۇڭلىسى داۋۇت ئوغلى 13- فېۋرال كېچىدە، سۇرىيەدىكى كۇرد قوراللىق كۈچلىرىنىڭ چېگرا رايونلاردىكى ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۇرىيەدىكى كۇرد دېموكراتلار ئىتتىپاقى پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بىلەن سۇرىيە چېگرا رايونىدىكى بىر قىسىم بازىلىرىنى توپقا تۇتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سۇرىيەدىكى كۇرد دېموكراتلار ئىتتىپاقى پارتىيەسى 13- فېۋرال مۇنداق دېدى: كۇرد خەلق قوغدىنىش قىسىمى يېقىندا ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەرنىڭ قولىدىن تارتىۋالغان بىر ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۇرىيەنىڭ شىمالىدىكى ھەلەپ ئۆلكىسىدىكى كۆپلىگەن بازىلىرى تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ توپقا تۇتۇشىغا ئۇچرىدى. نۆۋەتتە دوكلاتتا ئۆلۈم يېتىم ئىشلىرى توغرىسىدا خەۋەر بېرىلمىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر