باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ دېجياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلدى

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19-قېتىملىق يىغىنىنى 24-فېۋرالدىن 26-فېۋرالغىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى

2016.02.16 14:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 61-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 15-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن «خەلق» سارىيىدا ئېچىلدى. يىغىندا، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19-قېتىملىق يىغىنىنى 24-فېۋرالدىن 26-فېۋرالغىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى.

  كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭ يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يېقىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنىغا تەييارلىق قىلىش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 19-قېتىملىق يىغىنىنىڭ بىر مۇھىم ۋەزىپىسى. كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا، دائىمىي كومىتېت 19-يىغىنىنىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنىلىدىغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئارگېنالىغا قاراپ چىقىش، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى، ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپلىق تىزىملىكى لايىھەسى، سىرتتىن قاتنىشىدىغانلارنىڭ تىزىملىك لايىھەسى قاتارلىق ئۈچ تەكلىپنى قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش تەكلىپى بېرىلدى.

  كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا دائىمىي كومىتېتنىڭ 19-يىغىنىغا تەكلىپ بەرگەن قارالمىلار ئىچىدە يەنە چوڭقۇر دېڭىز ئاستى رايونلىرىدىكى بايلىقلارنى چارلاپ تەكشۈرۈش، ئېچىش قانۇنى لايىھەسىنى قاراپ چىقىش، گوۋۇيۈەننىڭ كەسپىي مائارىپ قانۇنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى ۋە قاراپ چىقىش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلاتلار بار.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر