باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىلىش قەدىمىنى تىزلەتتى

ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، بەش يىل ئىچىدە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى بىر مۇھىم مائارىپ مەركىزىنى قۇرۇپ چىقىدۇ

2016.02.18 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كەلگۈسى بەش يىلدا ئاپتونوم رايونىمىز ئۆزگىچە رايون ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، مائارىپنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى بىر مۇھىم مائارىپ مەركىزىنى قۇرۇپ، « بىر بەلباغ ، بىر يول » يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.

  بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، « 13 ـ بەش يىل » مائارىپ تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي نىشانىغا ئاساسەن، 2020 – يىلىغا بارغاندا، ئاپتونوم رايونىمىز ئاساسىي مائارىپى زامانىۋىلاشتۇرۇلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان بولۇپ، مۇشۇ ئاساستا، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىغا تايىنىپ، تاشقى مائارىپ ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقى ئىستراتېگىيەسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش شەكلى ئارقىلىق، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ رايونىمىزدا كەمچىل بولغان كەسىپ ۋە نۇقتىلىق پەنلەرنى چۆرىدەپ جۇڭگو - چەت ئەل ھەمكارلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇشنى ھەمدە خەنزۇ تىلىنى خەلقئارادا كېڭەيتىشتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا بازىسىنى مەبلەغ جەھەتتىن قوللايدىكەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كەلگۈسى بەش يىلدا ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەتنىڭ قوللىشىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، خەلقئارا مائارىپ مۇنبىرى ۋە ئالىي مەكتەپ مۇدىرلىرى مۇنبىرىنى قەرەللىك ئۆتكۈزۈپ، چېگرا سىرتىدا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇڭگو ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇشنى پىلانلاپ، كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ كۆلىمى ۋە تەسىر كېڭەيتىپ ھەمدە شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردە جۇڭگوغا ئوقۇشقا كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى، تەييارلىق كۇرس بازىسى، سىرتقا ياردەم بېرىش تەربىيەلەش بازىسى، يىپەك يولى خەلقئارا ياشلار ئالاقىلىشىش ئىنستىتۇتى، يىپەك يولى خەلقئارا ھەمكارلىق ئىنستىتۇتى، يىپەك يولى كەسپىي مائارىپ ئىنستىتۇتى قاتارلىقلارنى قۇرۇشنى پىلانلاپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدا خەلقئارا بويىچە ھەمكارلىشىدىغان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش زەنجىرىنى شەكىللەندۈرىدىكەن.

  ئىستاتىستېكا قىلىنىشىچە، 2015 - يىلى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە كۈتۈۋېلىنغان تۈرلۈك ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە قىسقا مۇددەتلىك ئوقۇشقا كەلگەن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار 6000 ئادەم ( قېتىم )دىن ئېشىپ كەتكەن ھەمدە يىلمۇ-يىل ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەردە قۇرغان كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىغا قاتنىشىش مىقدارى ئېشىپ، 15 مىڭ ئادەم ( قېتىم )غا يېتىپ، ئاپتونوم رايونىمىز يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى بويىدىكى دۆلەتلەردە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە تارقىتىشتىكى مۇھىم رايونغا ئايلانغان.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر