باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2016.02.18 15:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 17-فېۋرال گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى ئاچتى، يىغىندا 2015-يىلى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەۋسىيە-تەكلىپنى بېجىرىش خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، كۆپنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، بىرلىكتە تەدبىر بەلگىلەش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلدى؛ پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇشنى قوللاش سىياسەت-تەدبىرلىرى بېكىتىلىپ، پەن-تېخنىكا بىلەن ئىقتىسادنىڭ يۈكسەك بىرلىشىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تەكلىپىگە ھەر ساھەنىڭ ئەقىل-پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن، ھۆكۈمەتنىڭ ئەل رايىنى ئىگىلەش، ئەلنىڭ نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىشىدىكى مۇھىم يول. تەۋسىيە-تەكلىپلەرنى ياخشى بېجىرىش ھاكىمىيەتنى ئىلمىي، دېموكراتىك يۈرگۈزۈشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ نوپۇزىنى ئۆستۈرىدۇ. بۇلتۇر مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندىن بۇيان، گوۋۇيۈەن تارماقلىرى رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، 8001 تەۋسىيە ۋە 4809 تەكلىپنى باشلامچىلىق بىلەن بېجىرىپ، ئايرىم-ئايرىم ئومۇمىي تەۋسىيە-تەكلىپنىڭ ٪97.1 ۋە ٪96.5نى ئىگىلىدى؛ تارماقلار ئوتتۇرىغا قويغان نۇرغۇن سىياسەتلەردە ۋەكىللەر ۋە ئەزالارنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرى قوبۇل قىلىنىپ، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەت باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلاردا پائال رول ئوينىدى. لېكىن قىسمەن تارماقلاردا يەنىلا ۋاقتىدا بېجىرمەسلىك، بېجىرىش سۈپىتى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلاندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر