- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شياڭگاڭ بىلەن خەينەن 50 مىليارد كۇب مېتىردىن كۆپرەك گاز بىلەن تەمىنلەندى
2016.02.18 15:17 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو دېڭىز-ئوكيان نېفىت باش شىركىتىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، ئېلىمىزنىڭ دېڭىزدىكى ئەڭ چوڭ ھەمكارلىق گازلىقى بولغان ياچېڭ 13-1 گازلىقى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن 20 يىلدىن بۇيان، شياڭگاڭ، خەينەننى جەمئىي 50 مىليارد كۇب مېتىردىن ئارتۇق گاز بىلەن تەمىنلىگەن. بۇ تۈردە خەلقئارادىكى ئەڭ يېڭى تېخنىكا ئۆلچىمى بويىچە قۇرۇلۇش قىلىنغان، تېخنىكىسى خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيەگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ياچېڭدىن شياڭگاڭغىچە بولغان 778 كىلومېتىرلىق گاز يەتكۈزۈش تۇربىسى ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا، يەتكۈزۈش بېسىمى جەھەتتە دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، ياچېڭ 13-1 گازلىقى خەلقئارا بازار پىرىنسىپى بويىچە ئېچىلغان ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ياخشى، ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئالغان ئېلىمىزدىكى تۇنجى تۈر بولۇپ، نۇرغۇن خەلقئارا سودا قائىدىسىنى تۇنجى قېتىم جۇڭگوغا ئېلىپ كىرىپ، جۇڭگو-چەتئەل سودىسىنى خەلقئارا بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلانغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر