خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى قوشۇمچە ھۆكۈمەت باياناتچىسى قۇرتۇرمۇش 17-فېۋرال، پايتەخت ئەنقەرە شەھەر مەركىزىدىكى قىزىل ھىلال ئاي مەيدانى ئەتراپىدا شۇ كۈنى كەچتە ئاپتوموبىل پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى، ئاز دىگەندىمۇ 28ئادەم قازا قىلىپ، 61ئادەم يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيەNTVتېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىم ئاپتوموبىل بومبا پارتلاش تۈركىيە قوراللىق قىسىم باش شتاب باش ھەربىيلەر ياتىقى ئەتراپىدىكى ئۈچ ھەربىي ماشىنا يېنىدا يۈز بەرگەن. پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، نەق مەيداندا قويۇق ئىس-تۈتەك كۆتۈرۈلۈپ، قالايمىقانچىلىق بولدى. يارىدارلار يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ قۇتقۇزۇلدى.
پارتلاش يۈز بەرگەن ۋاقىتتا، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان ئەنقەرەدىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە ئالىي بىخەتەرلىك يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىۋاتقان ئىكەن. ئەنقەرە ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى تاراتقۇلارغا پارتلاتقۇچ بۇيۇمنى ئاپتوموبىلغا قاچىلانغان، دەپ گۇمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە زۇڭلىسى داۋۇت ئوغلى، ھۆكۈمەت ھازىر پارتىلاش ۋەقەسىگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، دېدى.
ئۆتكەن يىل 10-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئەنقەرە پويىز ئىستانسىسىغا يېقىن جايدا ئىككى قېتىملىق ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دىگەندىمۇ 102ئادەم قازا قىلغان، 200نەچچە ئادەم يارىلانغان. ئەنقەرە شەھەر باش تەپتىش ئىشخانىسى ئۆتكەن يىل 10-ئاينىڭ 28-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاشقۇن تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ بىر تارمىقى پويىز ئىستانسىسىدىكى زەنجىرسىمان پارتلىتىش ۋەقەسىنى پەيدا قىلغان، دېدى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى