باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پەۋقۇلئاددە زور ساختا تالون كېسىش دېلوسى پاش قىلىندى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان باج ئوغرىلاپ باج تاپشۇرماسلىق دېلوسىغا چېتىشلىق پۇل سوممىسى ئەڭ چوڭ

2016.02.17 15:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىر 16-فېۋرال بېيجىڭ شەھەرلىك دۆلەت بېجى ئىدارىسىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى : يېقىندا بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونلۇق دۆلەت باج ئىدارىسى باج ساقچىسى بىلەن بىرلەشمە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، « چوڭ سانلىق مەلۇمات»تىن پايدىلىنىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك « 10-ئاۋغۇست » مەخسۇس دېلوسىنى پاش قىلىپ، بىر چوڭ قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى سېتىش، كېسىش گۇرۇھىنى يوقاتتى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ گۇرۇھنىڭ جەمئىي 453ى كارخانىلارنى كونترول قىلغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە بېيجىڭنىڭ 13 رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى، چەك قوبۇل قىلغان شىركەت 1513 يەتكەنلىكى، مەملىكەت بويىچە 29 ئۆلكە شەھىرى چېتىلغانلىقى، باج ئوغرىلاش ۋە چۈشۈرۈپ قويۇش دېلوغا چېتىشلىق سوممىسى 3 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يەتكەنلىكى، باج سوممىسى 520 مىليون يۈەنگە يەتكەنلىكى مەلۇم بولغان. بۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پاش قىلغان چېتىلىدىغان دائىرىسى ئەڭ كەڭ، دېلوغا چېتىشلىق سوممىسى ئەڭ كۆپ، دېلوغا چېتىشلىق خادىملار ئەڭ كۆپ بولغان قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى كۆز بوياپ كېسىش دېلوسى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، خەيديەن رايونلۇق دۆلەت باج ئىدارىسى خەيديەن رايونىدىكى ساقچىلار بىلەن بىرلىشىپ، ئەمەلىي« چوڭ سانلىق مەلۇمات»دىن تەھلىل قىلىپ، تەكشۈرۈش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، جىنايەت گۇرۇھىنى بىراقلا يوقاتتى ھەمدە باش جىنايەتچى ئۆز ئىچىگە ئالغان 30 نەچچە نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بىلەن قولغا ئالدى، 24 ئادەم جىنايى ئىشلار بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر