باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە يىللىق ئورمان كېسىش چېكى 254 مىليون 36 مىڭ كۇپ مېتىر بولۇش تەستىقلاندى

2016.02.18 15:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن يېقىندا دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى قاراپ چىقىپ بېكىتكەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ 13- بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى يىللىق ئورمان كېسىش چېكى مەملىكەت بويىچە 254 مىليون 36 مىڭ كۇپ مېتىر بولىشىنى تەستىقلاپ پرىنسىپ جەھەتتىن قوشۇلدى.

  تەستىقتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 13- بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە يىللىق ئورمان كېسىش چېكى ھەر يىلى ئورمان كېسىش، دەل دەرەخنىڭ ساقلىنىشىنى خورىتىشىنىڭ ئەڭ چوڭ چېكىنى كۆرسىتىدۇ. جايلار ، تارماقلار ئورمان قانۇنى قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمىلەر بويىچە قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك.

  تەستىقتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئورمان بايلىقىنى قوغداش تەرەققىيات نىشان مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئورماننىڭ قاپلىنىش نىسبىتى، ئورماننىڭ ساقلىنىش مىقدارى ، ئورمان يېرى مىقدارى ۋە تەبىئىي ئورماننى قوغداش ئەھۋالىنى ھۆكۈمەتنىڭ يىللىق نىشاننى باھالاش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈش كېرەك. ئورمان ئىگىلىكىنى باشقۇرۇش مېخانىزمدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ئورمان ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى ئورمان ئىگىلىكى لايىھىسىنى تۈزۈشكە يېتەكلەپ ۋە ئىلھام بېرىپ، ئورمان ئەھيا قىلىش ۋە كېسىشنى ئىلىمى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئورمان بايلىقىنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلماي ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقان ئالاقىدار خادىملارنىڭ رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر